نيۇيوركتىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى بولسا خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىدلىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى 5" -ئىيۇل ۋەقەسى" ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، خىتاي دائىرىلىرىنى بولسا ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە چاقىرىشى ئامېرىكا "
[ ۋالل سترېېت ژۇرنال گېزىتىOpens in new window ]
"نىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئىنگىلىز تىلىدىكى خەلقئارا چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان "ۋالل سترېېت ژۇرنال"نىڭ تۈنۈگۈنكى سانىدا مەخسۇس "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەن. ماقالىدە "ئۇيغۇرلارنى خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ۋاستىلار بىلەن تۇتقۇن قىلغان دائىرىلەرنىڭ ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدە جاۋابكارلىقى بار" دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ سۆزلەر ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى گاۋ ۋېنچيەن ئەپەندىگە ئائىت بولۇپ، ئۇ، "سىز دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشىڭىز لازىم. سىز خالىغان ئادەمنى تۇتىمەن دېسىڭىز بولمايدۇ. سىز ئادەملەرنى سوراق قىلىش جەريانىدا خالىغانچە تەن جازاسى قوللانسىڭىز بولمايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى لازىم. قايسى جەھەتلەردە چاتاق چىقسا ئۇنى دەرھال تۈزىتىشى لازىم،" دەيدۇ.
گاۋ ۋېنچيەن ئەپەندى رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ يەردىكى نىگىزلىك مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :بۇ يەردىكى نىگىزلىك مەسىلە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىدۇر. بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىكى نىگىزلىك سەۋەب. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە ۋەقەنى 3 خىل كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەيدۇ. لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ يەردىكى تۈپكى سەۋەب جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى."
"ئۇيغۇرلارنىڭ غايىپ بولۇشى" دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارغا دائىر دوكلاتىغا باھا بېرىپ، دوكلاتتىكى ئەمەلىي پاكىتلارنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئالاھىدە دىتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدا، "بۇ دوكلاتتىكى ئەمەلىي پاكىتلار دىققەت قوزغايدۇ. خىتايدا ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارغا دائىر بۇ ئۇچۇر قاتتىق كونترول ئاستىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ھېچقاچان خەۋەر قىلىنمىدى. زوراۋانلىق ۋەقەسى ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن جاي ئۈرۈمچى ئۈزلۈكسىز قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان شۇنداقلا پۈتۈن رايوننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان،" دېيىلگەن.
جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىكى گاۋ ۋېنچيەن ئەپەندى بولسا مەزكۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئالمىغان يەنە بىر تەرىپىنى ئاشكارىلاپ، بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش جەھەتتىكى مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رادىئومىزغا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ دوكلات ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەگە قاتناشقانلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى خەلقئارا دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. نۆۋەتتىكى مەسىلە نېمە دېگەندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خۇپىيانە ئىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىدۇر. يەنى خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنىڭ قانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلمەيتتى. مەتبۇئاتلاردا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىلا تەكىتلىنىپ كەلگەن... بۇ ئەھۋالدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى يورۇتۇپ بەردى."
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ۋە ۋەقەدىن كېيىن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۈرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى ۋە دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۇيغۇر مەھەلىلىرىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ تۇتۇپ كەتكەن، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى بولمىغان 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم - پامىلىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭى 45 ياش، ئەڭ كىچىكىنىڭ 12 ياشتىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا بالىسى، ئېرى ياكى قېرىندىشى تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئاتا - ئانا ۋە ئائىلە تاۋاباتلارنىڭ دۆڭكۆۋرۈك ۋە بەيگە مەيدانىدا يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىگە دائىر بايانلىرىغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، "ۋالل - سترېېت ژۇرنال گېزىتى"دىكى ماقالىدە"دوكلاتنى ئوقۇپ چىقىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى برەد ئادامس دوكلاتتىكى ئىز - دېرەكسىز يوقالغان 43 ئادەم "دېڭىز ئاستىدىكى مۇز تاغنىڭ سۈ يۈزىگە چىقىپ قالغان كىچىككىنە بىر پارچىسى" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
گاۋ ۋېنچيەن ئەپەندى ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى پەقەت خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىلا مەلۇم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر ئاران 43 نەپەرمۇ ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېيتقىنىدەك 10 مىڭ ئادەممۇ ؟ زادى قايسىسى ئەڭ ئىشەنچلىك دېگەن مەسىلىدە پەقەت ئىشەنچلىك، تەرەپسىز خەلقئارا تەشكىلاتلار مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىشەندۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانغا تايىنىپلا بۇ مەسىلىدىكى گۇماننى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنى ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەندۈرگىلى بولمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
"ۋالل سترېېت ژۇرنال"دىكى ماقالىنىڭ كىرىشىدە مۇنداق يازغان ئىدى: "خىتاينىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتى قانۇنسىز جازالاش ۋاستىلىرىغا تايىنىپ، قارشى پىكىرلەرنى جىمىقتۇرۇپ كەلدى. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن 5- ئىيۇلدىكى مىللىي توقۇنۇشقا دائىر يېقىنقى بۇ دوكلات، دائىرىلەرنىڭ 'ئىناق جەمئىيەت' قۇرۇشقا قانچىلىك ئالدىرىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ."