ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ھەققىدە

يەرشارىدىكى بارلىق ئىنسانلار باراۋەردۇر. بارلىق ئىنسانلار باي - باياشات ۋە ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا ساھىپتۇر. بۇ ھوقۇقلار تالاش - تارتىش قىلىنمايدىغان يەنى ئىنسانلارغا تەڭرى بەخش ئەتكەن مۇقەددەس ھوقۇقتۇر. شۇڭا ئىنسانلار بەخت - سائادەتلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھوقۇقىغا ساھىپتۇر.

0:00 / 0:00

يۇقىرىقى جۈملىلەر بۈگۈن مۇستەقىللىقىنىڭ 232 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدىن ئۈزۈندىدۇر. ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ، ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ قىسقىسى ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى دەپ قارىلىدۇ.

مەزكۇر خىتابنامە خەلقلەر يۇقىرىقىدەك مۇقەددەس ھەقلىرىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئوز ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرى قۇرۇشى كېرەك دەپ كۆرسىتىدۇ ھەم يەنە، ئۆز ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرى قۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇشى كېرەك دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇش سەۋەبىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بايلىقلىرىمىزنى بۇلاپ تالىدى، ئوكيانلىرىمىزنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى، قوشنا ئەللەر بىلەن تىجارىتىمىزنى بوغدى؛ زېمىنىمىزغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئەمەلدار ئەۋەتىپ يۈكىمىزنى ئېغىرلاشتۇردى. ئۇرۇش يوق تۇرۇپمۇ ئونمىڭلاپ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ تەھدىت سالدى. مۇستەقىللىق بىردىن - بىر چىقىش يولىمىز."

بۇ خىتابنامە 1776 ‏ - يىلى6 ‏ - ئاينىڭ 11 ‏ - كۈنى Thomas Jeffeson، Richard Henry Lee، Benjamin Franklin قاتارلىق بەش كىشىلىك بىر ھەيئەت تەرىپىدىن يېزىلغان ئامېرىكا كونگىرىسى تەرىپىدىن شۇ يىلى 7 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى ئېلان قىلىنغان.

خىتابنامىدا يەنە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئەنگىلىيە خەلقىنى دوست بىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ پەريادىغا قۇلاق يوپۇرۇپ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا شېرىك بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا، ئەگەر ئەنگلىيە خەلقى ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنى قوللىسا دوست، قوللىمىسا دۈشمەن سانىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلىدۇ: "بۇندىن كېيىن ئەنگىلىيە خەلقى ئۇرۇش يىللىرىدا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؛ تېنچ يىللاردا بىزنىڭ دوستىمىز."

تۈرك تارىخچى ئورال سەندەر ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: ئامېرىكىلىقلار بۇ خىتابنامىسى ئارقىلىق يالغۇز ئۆزلىرىنىڭلا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئەمەس، بەلكى، يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسان ۋە بارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. تارىخچى ئورال سەندەرنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي تارىخىي ناملىق كىتابىدا مەزكۇر خىتابنامىنى دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى ئۇقۇمىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيىتىنىڭ كېڭىيىشىدە باشلانغۇچ قەدەم دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى، ئامېرىكىلىقلار گېنېرال جورج ۋاشنگتوننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كەسكىن ۋە مۇشەققەتلىك جەڭ قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. شۇڭا ئامېرىكىلىقلار مۇستەقىللىق بايرىمىدا ئەڭ ئالدى بىلەن قەھرىمانلىرىنى ئەسلەيدۇ ۋە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ئەپەندى بۈگۈنكى مۇستەقىللىق بايرىمى ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىدىن Harry Tueman نىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز: "بىز ئەركىنلىكنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئېغىر بەدەل تۆلەنسە قاخشىماسلىق كېرەك دەپ قارايمىز."