ھۆكۈمەت تەرەپ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، نامايىشچىلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. جاۋابسىز قالدۇرغانلا ئەمەس، بەلكى، ئۇرغان،دۆشكەلىگەن، تۇتقۇن قىلغان، ھەتتا ئوق چىقارغان. ھۆكۈمەت تەرەپ نامايىشچىلارنى پۈتۈنلەي چارىسىز دەپ ئويلىغان؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ھىمايىسى بارلىقىنى ئۇنتۇغان؛ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇۋاتقىنىنى، ھەتتا ئوققا تۇتۇلۇۋاتقىنىنى كۆرگەن، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركۈم-تۈتكۈملەپ نامايىشچىلار سېپىگە قېتىلغان. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى چەكتىن ئاشقاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ جانلىرىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، ئۆلگەن، يارىلانغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قانغا-قان، جانغا- جان دەپ ھېساب ئېلىشقا ئاتلانغان. نەتىجىدە تىنچلىق بىلەن باشلانغان نامايىش توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ بىرقانچە مۇھىم كوچىلىرىنى، جەسەتلەر، يارىدارلار، كۆيدۈرۈلگەن ئاپتوموبىللار، يانغان بىنالار ۋە ئىس-تۈتەلەر قاپلىغان. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا شۇ كۈنى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 197 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي پۇقرالىرى، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئوققا تۇتۇلغان ۋە ئىز-دېرەسىز يوقالغان نامايىشچىلارنىڭ سانى بىر قانچە مىڭ ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، 5-ئىيۇل كۈنىنى، ئۆزلىرىنىڭ تەشكىللىنىش ئىقتىدارىنى، مىللىي ئۇيۇشقاقلىقىنى، زوراۋانلاردىن قورقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، يەنى بىر قەھرىمانلىق داستانىنى ياراتقان كۈن دەپ ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلگەن، تۇتۇلغان قېرىنداشلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى، يولۇققان قىيىن-قىستاقلىرىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر تارىخىدىكى پاجىئەلىك كۈنلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئېچىنىش بىلەن ئەسلىمەكتە.
مانا بۈگۈن ۋاشىنگتوننىڭ دۇپون مەركىزى مەيدانى دەپ ئاتىلىدىغان قايناق مەركەزلىرىدىن بىرىگە توپلانغان ئۇيغۇرلار، جاراڭلىق شوئارلىرى ۋە تەسىرلىك نۇتۇقلىرى بىلەن، 5-ئىيۇل تىنچلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇ ۋەقە سەۋەبلىك بۈگۈن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، 5-ئىيۇلدا تۇتۇلغانلارنىڭ تۈرمىلەردە تارتىۋاتقان ئازابلىرىغا كۆز يۇمۇۋالماسلىققا، 5-ئىيۇلدا ئۆلگەن ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ يىغا-زارىغا، ئاھ-پەريادىغا قۇلاق يوپۇرۇۋالماسلىققا دەۋەت قىلماقتا.
نامايىشتا سۆز قىلغان رابىيە خانىم، 5-ئىيۇل نامايىشچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆگىنىش ئۆلگىسى ئىكەنلىكىنى، 5-ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەردە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنىڭ يەردە قالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقى تۆلەۋاتقان بۇ بەدەللەرنىڭ ئاخىرى مېۋە بېرىدىغانلىقىنى، يەنى ئۆز ۋەتىنىىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان، ئۆز ئىشلىرىغا ئۆزلىرى خوجا بولىدىغان، ھۈر، ئەركىن زامانلارغا چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
مۇشۇ تاپتا نامايىشتا توۋلىنىۋاتقان شوئارلار، ۋاشىنگتون كوچىلىرىنى باشقىچە جانلاندۇرماقتا. سەپ-سەپ بولۇپ تىزىلىپ مېڭىۋاتقان نامايىشچىلارنىڭ قولىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋاشىنگىتونلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. نامايىشچىلار بولسا، ئەنە شۇ 5-ئىيۇلدىكى نامايىشچىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقلىرىنى ئەسلەش، يولۇققان زورۋانلىقلىرىغا ئېچىنىش تۇيغۇلىرى ئىچىدە نامايىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۆۋەندە بىر تۈركۈم نامايىشچىلارنىڭ نامايىش تەسىراتلىرىنى، مۇشۇ مىنۇتلاردىكى ئوي ۋە ھېسسىياتلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.