ئامېرىكا - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش

1 - 2 - ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ياردەمچىسى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكا ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

رىچارد باۋچېر بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە ئومۇمىي يۈزلۈك زىيارەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ 28 - ماي كۈنى تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشكەن،30 - ماي كۈنى بولسا ئازەربەيجاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئىلھام ئېلىيېپ بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.

باۋچېرنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇشتا رول ئوينىشى مۇمكىن

رىچارد باۋچېرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە رول ئوينايدىغانلىقى، جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ 2005 - يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن بىراقلا سوۋۇپ قالغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش قەدىمىنى بېسىش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

رىچارد باۋچېر 2006 - يىلى ئاۋغۇستتا ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسىدە ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ تەكلىپ ۋە تەنقىدلىرىنى قوبۇل قىلمىغان، ئەكسىچە تاشكەنت رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋە موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تاشكەنتنىڭ موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرى كۈچىيىشكە يۈزلەنگەنلىكى ھەتتا ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئىجابىي قەدەملەر بېسىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەيدانغا چىققان ئىدى.

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى، ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى جاھانگىر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشلەر يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئەلچىسى ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىنمۇ؟

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئايلار ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا تاشكەنت - ۋاشىنگتون مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىللىشقا يۈزلىنىشكە باشلىغانلىقى، ھەتتا ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ خان ئابادتىكى ھەربىي بازىغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر چىققان ئىدى.

ئەمما، جاھانگىر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئىسلام كەرىموف ھېچقاچان ئامېرىكىنىڭ بۇ بازىغا قايتىپ كېلىشىنى خالىمايدۇ ھەمدە بۇنداق بولۇشى ھازىر بىر ئۆزبېكىستاننىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس، بۇ مەسىلىدە تاشكەنت ئەزا بولغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەتتا رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىكتە قارار بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئىسلام كەرىموف ئۇلار بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۆزبېكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى.

ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى دېموكراتىيە مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمەكتە

جاھانگىر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلاندى دېگەندىمۇ، تاشكەنت بۇ دۆلەتتە ھەقىقىي يوسۇندا دېموكراتىيىلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايدۇ، ۋەزىيەت بۇرۇنقىدەك قېلىۋېرىشى مۇمكىن.

ئەكسىچە، تاشكەنت رەھبەرلىرى ئانچە - مۇنچە ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ قويۇپ غەربنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئامېرىكا بولسا ئۆزبېكىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن ھەتتا بۇ قېتىم رىچارد باۋچېر ئىككى نەپەر دېموكراتىك ۋەكىل بىلەن كۆرۈشكەن، تاشكەنت غەربنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر قانچە نەپەر ئۆكتىچىنى قويۇپ بەردى.

بۇنى كۆرگەن غەرب دۆلەتلىرى تاشكەنتنىڭ دېموكراتىيىگە قەدەم بېسىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشى مۇمكىن. بىراق، تاشكەنت دائىرىلىرى خالىسا، قويۇپ بەرگەن كىشىلىرىنى ئەتىسىلا قولغا ئېلىۋېرىدۇ.

مەركىزىي ئاسىيادا كىم تاكتىكا ئويناۋاتىدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 2005 - يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن تاشكەنتنىڭ ۋاشىنگتوندىن يۈز ئۆرۈپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئورگانلىرىنى تاقاپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغان ھەمدە ئۇلار بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولسىمۇ، لېكىن، تاشكەنت ئۇلاردىن كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتەلمىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئامېرىكىغا قاراتقان ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالدى.

نەتىجىدە، تاشكەنتنىڭ خەلقئارا سەھنىسىدىكى بۇرۇنقى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق ئۆتكەن ۋاقتىدىكىدەك رولى ئاجىزلىشىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە يېقىندا رۇسىيىدە دمىترىي مېدۋېدېۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن تۇنجى سەپىرى سۈپىتىدە ئۆزبېكىستاننى ئەمەس بەلكى، قازاقىستاننى تاللاپ، خۇددى قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى رەھبىرىي دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغاندەك تەسىر پەيدا قىلدى. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پرېزىدېنت كەرىموف ۋاشىنگتون بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش تاكتىكىسىنى ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.

جاھانگىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تاشكەنتنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىشى پەقەت بىر تاكتىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئەنجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى تاشكەنتكە قىلغان تەنقىدىي مەيدانىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام كەرىموف ھېچقاچان رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزمىغان ھەم بۇزمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىلىدۇكى، ئۇنىڭغا جۈملىدىن ئۆزبېكىستانغا كېلىدىغان تەھلىكە رۇسىيىدىن كەلسە كېلىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ۋە ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەلمەيدۇ.

ھازىر خۇددى رۇسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن يېقىنلاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەتە - ئۆگۈن مېدۋېدېۋ ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ پەپىلەپ قويسا، يەنە ئۇ تەرەپكە كېتىۋېرىدۇ.

تەسىرلەر توقۇنۇشى ئاستىدىكى مەركىزىي ئاسىيا

رىچارد باۋچېر ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، ئىران ھەتتا مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە مۇھىم ئەربابى، ئۇنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونغا قاراتقان سىياسىتىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم تۈركمەنىستان، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تەسىرى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا رايونىغا يۈرگۈزىدىغان يېڭى سىياسىي يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

نۆۋەتتە، مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا دېموكراتىيە بىلەن ھاكىممۇتلەقلىق، رۇسىيە - خىتاي تەسىرلىرى بىلەن ئامېرىكا - ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشى مەسىلىسى مۇرەككەپلەشكەن بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكى مەلۇم.