ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف يېقىندا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقىدە مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان ئابدۇلئەزىز كامىلوفنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى. گەرچە ئىسلام كەرىموف نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز بۇنداق بىر ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ئوچۇق سەۋەب كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئىسلام كەرىموفنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش يولىدا ئاتقان بىر قەدىمى، دەپ قارىماقتا. چۈنكى، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا بېرىۋاتقان يۈكسەك ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.
ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن ئابدۇلئەزىز كامىلوف 1994-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بىر شەخس. ئۇ 2004-يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن قالغاندىن كېيىن بەش يىل ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 2008-يىلى ئۆزبېكىستانغا قايتقاندىن كېيىن ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ مەزگىلدە كامىلوف ئاساسەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولۇپ، غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پىشىپ يېتىلگەن ئۇستا بىر دىپلوماتنىڭ قايتا ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سايلىنىشىنى كۆزەتكۈچىلەر، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يېقىندىن بۇيان بولۇۋاتقان دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ تەبىئىىي نەتىجىسى، دەپ قارىغان. بۇ ھەم ئۆزبىك-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنى مەمنۇن قىلغان.
دەرۋەقە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىزىقىشىنىڭ ئارتىۋاتقانلىقى 2011-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا كىلىنتوننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەتلەرگە قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتىدە جەريانىدا ئىسلام كەرىموف بىلەن ئىككى يېرىم سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان نۇتۇقتا ھىللارىي كىلىنتون ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەتلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىققا ئېرىشىشىدە ئۆزبېكىستاننىڭ رولىنىڭ چوڭلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ھەر ساھەدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. يەنە شۇ يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىسلام كەرىموفقا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ ئۇنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.
ئۇنداقتا، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن قايتىدىن ئۆزبېكىستانغا قىزىقىپ قالدى؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان زىددىيىتى ئامېرىكىنى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن رايوندا ئۆزىگە باشقا ھەمراھ ئىزدەشكە مەجبۇرلاۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى، ئافغانىستانغا لاۋازىمەت توشۇشتا پاكىستانغىلا تايىنىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش ئىكەن.
11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرغان. ئەمما 2005-يىلى ئۆزبېكىستاندا ئەنجان ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلىشى ھەم ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق چۈشۈپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى ھەربىي بازىسىنى تاقاشقا قىستىغان، نەتىجىدە، ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى ماناس ھەربىي بازىسى بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئىدى. ئەمما ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا چىقىش ھەم ئاسان، ھەم ئەرزان بولغانلىقتىن ئامېرىكا ھەر ۋاقىت ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن ئىدى.
ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە بادراقۇمار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئوباما پاكىستاننى جازالاشقا تەييارلانماقتا» ناملىق مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپادىن ئافغانىستانغا لاۋازىمەت توشۇيدىغان شىمالىي ترانسپورت تورىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئۆزبېكىستان بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي لاۋازىماتلىرىنىڭ 80 پىرسەنتى دەل مۇشۇ ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا يەتكۈزۈلىدىكەن. گەرچە، ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا لاۋازىمەت توشۇشنىڭ مالىيىتى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كارىدورغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە قىممەت بولسىمۇ، ئەمما ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستانغا تايىنىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش نىيىتى قەتئىي بولغاچقا، ئامېرىكا چىقىم نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزبېكىستاننى ترانسپورت بازىسى قىلىشقا تەييارلانماقتا ئىكەن. ئاپتور شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئەمدى ئۆزبېكىستانغا «يېقىنچىلىق قىلىدىغانلىقى» نى ئىپادە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا ھەربىي لاۋازىمەت يېتىشمەسلىك كرىزىسى ئاللىقاچان كۆرۈلۈشكە باشلىغان، بۇ ئامېرىكا نۆۋەتتە دۇچ بولۇۋاتقان زور بىر رىقابەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا خىتايغا ئافغانىستانغا توشۇلىدىغان لاۋازىمەتنى «شىنجاڭ» ئارقىلىق توشۇش تەكلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. شۇڭا نۆۋەتتىكى شارائىتتا ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ئۈچۈن بىردىن-بىر ھەل قىلغۇچ دۆلەت ئىكەن. دەرۋەقە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىندا ئۆزبېكىستانغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى چەكلەيدىغان قانۇننى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىشى ۋە باراك ئوبامانىڭ كېڭەش پالاتاسىغا ئۆزبېكىستانغا قويۇلغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىدىغان قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاش ھەققىدە چاقىرىق قىلىشى ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىمۇ يېقىندىن بۇيان موسكۋاغا قارىغاندا ۋاشىنگتونغا ياقىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقان بولۇپ، كەرىموفنىڭ يېقىندا ئېچىلغان رۇسىيە باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماسلىقىمۇ بۇنىڭ يارقىن ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ۋاشىنگتون بىلەن تاشكەنت ئۆز-ئارا ماسلاشقان ھالدا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش يولىدا ئورتاق قەدەم تاشلاۋاتقان بولۇپ، كەرىموفنىڭمۇ غەربكە يېقىنلىشىش يولىدا قەدەم ئېتىشى ئامېرىكىنى مەمنۇن قىلغان. گەرچە، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان ئىسلام كەرىموف بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ھەرىكەت قىلىشىنى ئانچە قارشى ئېلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسسىلەر يەنىلا، مەيلى قايسى شەكىلدە بولمىسۇن، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشىنى ئۆزبېكىستاندىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ قاراشماقتا.