يېڭى ئامېرىكا فوند جەمئىيىتىنىڭ ئەپچىل ئىستراتېگىيە پروگرامما تەتقىقاتچىسى پاتىرىك دوخېرتى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، بالقان، كاپكاز رايونلىرىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايلارغا بېرىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس. ئۇ يېقىندا ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى كۆز قاراش ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى تېررورچىلارنىڭ پېشۋاسى ئوساما بىن لادېننى پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا يىللاردىن بۇيان ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىتتىپاقدىشى دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقان پاكىستانغا بولغان ئىشەنچىنى يوقاتتى. ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن سىزىققا چۈشۈپ قالدى. بۇ ھالەت ئەمدى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن؟ بۇ، ھازىر دۇنيا ئىنچىكە كۆزىتىۋاتقان مەسىلە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئوساما بىن لادېننى پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ «بېر كېمىدە ئەمەس» لىكى ئاشكارىلاندى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پاكىستاننى ئىندەپ، خىتاينىڭ ياخشى دوستى، ياخشى قوشنىسى، ياخشى شېرىكى دەپ راسا ماختىدى. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ خىتاينى ئىندەپ، خىتاي بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتى ھاۋا رايىدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن مۇستەھكەم مۇناسىۋەت دەپ ماختىدى.
خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا كۆپ تايىنىدىغان دوۋېي تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوساما بىن لادېن پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پاكىستان خەلقى ئامېرىكىغا قارشى نامايىش قىلغان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن. نامايىشچىلار يەنە، پاكىستان پرېزىدېنتىنى قابىلىيەتسىز دەپ ئەيىبلىگەن ۋە تەختتىن چۈشسۇن دەپ شوئار توۋلىغان.
بۇ تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر ئىنتايىن يىرىكلەشكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يىرىك تەلەپپۇز بىلەن، پاكىستاننىڭ ئوساما بىن لادېننى قوللايدىغان بىر ئالاقە تورى بار دېسە، پاكىستان باش مىنىستىرى جىلانى ئامېرىكىنى، پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ھېسابلىنىدىغان ئىشنى قىلدى، دېيىش ئارقىلىق ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پاكىستاندىكى مەسئۇل خادىمىنىڭ ئىسمىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىۋېتىش ئارقىلىق ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالغان.
يېڭى ئامېرىكا فوند جەمئىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى پاتىرىك دوخېرتىنىڭ قارىشىچە، پاكىستان ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىزلىشىۋاتقان، سىياسىي جەھەتتە چوڭ داۋالغۇش ئىچىدە قالغان بىر دۆلەت. پاكىستاننىڭ ھازىرقى ھالىتى قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ خىتاي ئۈچۈن پايدىسىز.
يېڭى ئامېرىكا فوند جەمئىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى پاتىرىك دوخېرتى مۇخبىرلارنىڭ، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پاكىستاندىكى خادىمىنىڭ ئىسمىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىۋەتكەنلىكى، پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالغانلىقىمۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، پاكىستان باش مىنىستىرى جىلانى، پاكىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ھازىرقىدەك مۇرەككەپ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلەپلا قالماي، بەلكى پاكىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ، ئالدى بىلەن پاكىستان ئۆزى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ، دېدى.
يېڭى ئامېرىكا فوند جەمئىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى پاتىرىك دوخېرتى مۇخبىرلارنىڭ، ئامېرىكا خىتايغا، سۆيۈملۈك خىتاي، سەن بىزگە ياردەملىشىپ پاكىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ قويغىن دەپ يېلىنامدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىمۇ، خىتايمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاۋات، سىياسىي جەھەتتە مۇقىم جەنۇبىي ئاسىيانىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىر پاكىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئامېرىكا بىلەن خىتايغا ھەمكارلىشىدىغان پۇرسەت كەلدى.
ئەگەر خاتالاشمىسام، خۇددى شىمالىي كورىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى خىتاي ئۆزى تەلەپ قىلغاندەك، پاكىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىشنىمۇ خىتاي ئۆزى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇنىڭدا يەنە مۇھىم رول ئوينايدىغان دۆلەت بولۇشنى خالايدۇ، دېدى.