ش ئا ئە ت قىسىملىرى تىكئۇچارىنىڭ ھۇجۇمى پاكىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى

ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلىشىشكە باشلىدى. ئەل - قائىدە رەھبىرى بىن لادىننىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىسلامئاباد ئەتراپىدىكى مەخپىي تۇرالغۇسىدا ئۆلتۈرۈلۈشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ سوغۇق نۇقتىغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. بىراق ش ئا ئە ت قىسىملىرى تىكئۇچارىنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى پاكىستان چېگرا قوغداش پونكىتىنى بومباردىمان قىلىپ، پاكىستان قىسىملىرىنى زور چىقىمدار قىلىشى بۇ مۇناسىۋەتنى ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى. ئانالىزچىلار بۇ ۋەقە پاكىستاننى خىتايغا ئىلگىرىلەپ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

26 - نويابىر شەنبە كۈنى ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىنىڭ ھەربىي تىكئۇچارى پاكىستاننىڭ ماخمۇند قەبىلە رايونىدىكى ئىككى چېگرا پونكىتىنى بومباردىمان قىلىپ، 24 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ ۋەقە پاكىستان ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تالىبانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە شۇنداقلا ئىسلامئاباد ئەتراپىدىكى بىر قورۇققا يوشۇرۇنۇۋالغان ئەل - قائىدە رەھبىرى ئوساما بىن لادىننىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى. پاكىستاننىڭ كاراچى قاتارلىق بىر قىسىم شەھەرلىرىدە بۇ ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىغا قارشى نامايىشلار يۈز بەرگەن.

كىمنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى نۆۋەتتىكى ئىختىلاپنىڭ نېگىزىدۇر. پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋەقەنى پاكىستان ئەسكەرلىرىگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى، دەپ جاكارلىغان. پاكىستان باش مىنىستىرى جىلانى، ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇمى يۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكا ش ئا ئە ت ھازىرغا قەدەر ۋەقەگە ناھايىتى ئېغىر باش پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. ش ئا ئە ت باش كاتىپى راسمۇسسېن ۋەقەنى «مەقسەتسىز تراگېدىيىلىك ھادىسە» دەپ كۆرسىتىپ، ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ، ئۆلگەنلەرگە «چوڭقۇر تەزىيە» بىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق ئافغانىستان تەرەپ پاكىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ش ئا ئە ت تىكئۇچارىنى ئالدى بىلەن ئوققا تۇتقانلىقى، ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىپ، چېگرا پونكىتىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىراق ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ سەۋەبى دۈشەنبە كۈنى ئافغانىستان تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال ئابباس دۈشەنبە كۈنى پاكىستان قىسىملىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئوق چىقارغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىنى ۋەقەگە باھانە ئىزدەش بىلەن تەنقىد قىلغان. پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ش ئا ئە ت نىڭ پاكىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا ھەربىي لاۋازىمات يوللايدىغان قاتناش يولىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ غەربىي - جەنۇبىي بالۇجىستان ئۆلكىسىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى 15 كۈن ئىچىدە بىكار قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يېقىندىن دىققىتىنى قوزغىغان نۆۋەتتىكى مەسىلە بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋىتى، ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشىدۇر. بىراق بەزى ئانالىزچىلار پاكىستاننىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تەۋەككۈل قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چەكلىك ئىكەنلىكى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تەھدىتى ئاساسلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ غەزىپىنى بېسىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنى بازا قىلغان گىلگىت بالتىستان تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنتى سېنگې سېرىڭ بۇ پىكىردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن مەن باش مىنىستىر جىلانىنىڭ سۆزىنىڭ پاكىستان خەلقىگە ئېيتىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ ئارقىلىق ئۇ پاكىستان سىياسەتچىلىرى ئارىسىدىكى تەسىرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ. چۈنكى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۆچ ئېلىش، قەبىلىلەر رايونىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كېسىش ھەققىدىكى زور بېسىمغا دۇچ كەلدى. نۇرغۇن سىياسىي پارتىيە - گۇرۇھلار، جۈملىدىن «جامائەتۇل ئىسلام» قاتارلىق دىنىي پارتىيە - گۇرۇھلار پاكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قارشى. ئىمرانخان ۋە ناۋاز شەرىپ باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلارمۇ ئوخشاش پىكىردە. شۇڭا مەن باش مىنىستىر جىلانىنىڭ باياناتى پاكىستان ھۆكۈمىتى پەۋقۇلئاددە زور بېسىمغا دۇچ كەلگەندە ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە پاكىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى بېسىشقا قارىتىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

بۇ ۋەقە پاكىستان بىلەن خىتاي پەنجاب شتاتىدا ش ت ئى ھەرىكىتىگە قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان سەزگۈر بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. خىتاي - پاكىستان ئارىسىدىكى مانېۋىر ئالدىنقى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ 500 كىشىلىك ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى جۈمە كۈنى ش ت ئى ھەرىكىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىش مەشىقى ئېلىپ بارغان.

پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى كايانى تۇنجى قېتىم ش ت ئى ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ پاكىستاندا مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، «بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە باشقا ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ خىتايغا سالغان تەھدىتىنى يوقىتىشتا ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسەتتۇق» دېگەن ئىدى. لېكىن گىلگىت بالتىستان تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى سېنگې سېرىڭ، پاكىستان - خىتاي ھەمكارلىقى ش ت ئى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، بۇ پەقەت خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە كەڭ دائىرىلىك جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سېنگې سېرىڭ «ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشتىن ھالقىغان ھەمكارلىقتۇر» دەپ ئەسكەرتىپ، «2008 - يىلى پاكىستان جامائەتۇل ئىسلامنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان. ئۇلار ش. تۈركىستان مەسىلىسىدە شۇنداقلا ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە بىر بىرىنىڭ مەنپەئەتنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كەشمىردىكى رادىكال گۇرۇھلار ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادا چاقىرىلغان نۇرغۇن قېتىملىق يىغىنلارغا خىتاي ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلدى. خىتاي ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ناھايىتى قىزىقىدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ پاكىستاندا ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەسىرىنى كېڭەيتىشكە كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى يەنە سەۋەب. يېقىندا سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى. يېقىندا خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاھورغا سەپەر قىلىپ، جامائەتۇل ئىسلامنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلغان. جامائەتۇل ئىسلام ئەتىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي بىلەن دوست ۋە دۈشمىنىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قىسقىسى، خىتاي ئۆزىنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى پەقەتلا ش ت ئى ھەرىكىتىگە قارىتىلغان ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر مەسىلىگە قايتۇرغان ئىنكاسى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭجيېچى دۈشەنبە كۈنى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىنا رابانى خار بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، خىتاي پاكىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوغداش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياڭ جيېچى يەنە «دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار پاكىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

سېنگې سېرىڭ، خىتاي - پاكىستان ھەمكارلىقى ئۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئىتى ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقى، بىراق ئۇيغۇر داۋاسىدا ئىنتايىن زور سەلبىي رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇ يەردىكى ئىسلام مەسىلىسى ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاسىغا يار يۆلەك بولۇش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ يەردىكى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاش مەسىلىسى. پاكىستاننىڭ مۇشۇ ئاساستا ئۇيغۇر خەلقى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئىنتايىن زور سەلبىي رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى 2000 - يىللارنىڭ باشلىرى مەن گىلگىتتىكى ۋاقتىمدا پاكىستان خىتاينىڭ قوللىشى بىلەن گىلگىتقا يوشۇرۇنۇۋالغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان. گىلگىتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن 14 دىن 16 گىچە كىشى ئېتىپ تاشلانغان بۇنىڭغا خىتاي ئارمىيىسى بىۋاسىتە ئارىلاشقان ئىدى. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ۋە ئەركىنلىك تەلەپلىرىدە پاكىستاننىڭ ئۇلارنى قوللىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»