ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى John Boehner سەيشەنبە كۈنى سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ، پرېزىدېنت ئوباما ۋە دېموكراتىك پارتىيە سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە "ئامېرىكا خەلقى، پرېزىدېنت ئوباماغا، ئامېرىكىنىڭ يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە سىگنال بەردى، جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورنىنى ئىشقا سېلىپ، دائىرىسى تار، ئەمما مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك بولغان بىر ھۆكۈمەت بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ" دېدى.
بېھنېر سۆزىدە يەنە، بۇ قېتىم خەلقنىڭ مۇتلەق يوسۇندا جۇمھۇرىيەتچىلەرنى ساقلايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، "ماھىيەتتە بۇ قېتىم غەلىبە قازانغان ئەسلىدە خەلق ھېسابلىنىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، ۋاشىنگتوندا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ياساش كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ سىياسىي يۆنۈلۈشىنى يېڭىلاش ھەمدە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ، جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسىنىڭ ئوينايدىغان رولى، بۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلىنىدىغان سىياسەتلەر ھەققىدە، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى قانداق قاراشلارغا ئىگە؟ ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر كېڭەش پالاتاسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى ئۈچۈن، يەنە 10 ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى، بىراق بۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ يەنىلا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، سىياسىي مۇلاھىزىچى Rid Uilson ، "ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاۋام پالاتاسى بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتتى، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا قۇربىمىز يېتىدۇ دەپ ئويلاشسا، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان خاتالىق سادىر قىلىدۇ، ئامېرىكا خەلقى دەل مانا مۇشۇنداق پارتىيىۋازلىقتىن تويغان" دەيدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر، Rid Uilson بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولۇپ، خەلقنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيەتتىن نارازى ئىكەنلىكى، ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئىشسىزلىق، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ۋە باج سىياسىتىدە يۈز بېرىۋاتقان نۇقسانلارنى ئېنىق تونۇپ يەتكەنلىكى مەلۇم . ئوباما پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغاندا سىياسىي مۇرەسسەلەرگە بويسۇنىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بەرگەن، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشتىن باش تارتتى. دېمەك پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق بىر مەسىلە بولماقتا .
بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، پرېزىدېنت ئوباما بۇنىڭدىن كېيىن ھوقۇق ئىجرا قىلىشتا يولۇقىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.
بۇ قېتىمقى سايلامدا، جۇمھۇريىەتچىلەر پارتىيىسى Pennsylvania ، Illinois ، Arkansas ، North Dakota ، Wisconsin شىتاتلىرىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى ئورنىنى ئىگىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.