ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلىمى پەيدا قىلغان زىلزىلە

ئامېرىكىنىڭ 2010‏- يىللىق ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلىمى دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ چوڭ زىلزىلە پەيدا قىلدى. بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ گېزىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلىمى ھەققىدە ھەرخىل ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيادىكى چوڭ گېزىتلار بۇ سايلام ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە ماۋزۇلىرى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'ۋاشىنگتون پوست' گېزىتىدە ئوباما ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى' دەپ يېزىلغان بولسا، 'نيۇيورك تايمىس' گېزىتىدە 'جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىككى يىلدىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈردى' دېدى. 'ۋالت سترىت' گېزىتىدە ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت مەجلىسى تىركىشىش ۋەزىيىتىگە كىرىپ قالدى' دېسە، لوندوندا چىقىدىغان 'پۇل-مۇئامىلە گېزىتى' دە ئامېرىكا فېدېرال غەزىنىسى ئىقتىسادنى ئويغىتىش ئۈچۈن 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تەييارلىدى' دېدى. شىمالى كورىيىدە چىقىدىغان 'چاۋشەن گېزىتى' دە ئوبامانىڭ مەغلۇبىيىتى ئىقتىسادىي مەسىلە' دېسە، سېئۇلدا چىقىدىغان 'شەرقىي ئاسىيا گېزىتى'دە ئۇلۇغۋار ئۈمىدلەرنىڭ بەربات بولۇشى' دېدى.

توكيودا چىقىدىغان ئاساخى شىنبۇن' گېزىتىدە 'دېموكراتىك پارتىيە زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى' دېسە، سىنگاپوردا چىقىدىغان 'بىرلەشمە سەھەر گېزىتى' دە ئەمدى جۇمھۇرىيەتچىلەر ھوقۇق تۇتتى' دېدى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئىقتىساد گېزىتى' دە 'مەبلەغ دولقۇنلىرىدا خوڭكوڭ پايلىرى چايقىلىۋاتىدۇ' دېسە، يېڭى دېھلىدا چىقىدىغان 'ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى' دە ئوباما ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ھىندىستانغا كەلگەننىڭ نېمە پايدىسى' دېدى. خانويدا چىقىدىغان 'ياشلار گېزىتى' دە ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەيدۇ' دېدى.

'ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلام' دېگەن نېمە؟

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ھەر قېتىملىق ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلام' دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سايلامدا، ھەر ئىككى يىلدا بىر سايلىنىپ تۇرىدىغان 435 نەپەر ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 100 نەپەر ئەزاسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ھەم ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان شتات باشلىقلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى شتات باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ يىل كېڭەش پالاتاسىغا 37 نەپەر ئەزا ۋە 37 شتاتقا شتات باشلىق سايلاپ چىقىلدى.

بۇ يىلقى ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلام' دا خەلق كۆڭۈل بۆلگەن ئۈچ مەسىلە

بۇ يىلقى ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلام' دا، سايلام ئەھلى (دۆلەتكە باج تۆلىگۈچىلەر) ئاساسەن مۇنداق ئۈچ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلدى: بىرىنچى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى. بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلام'، ئامېرىكىدىكى ھازىرقى مۇشۇ بىر ئەۋلاد ئادەم ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىسنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقان، يەنى بازار ئەھۋالى سۇس، ئىگىلىك جانلانماي توختاپ قالغان ھادىسىگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سايلام، يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ، ساغلاملىق سۇغۇرتىسىدىن تارتىپ كلىمات ئۆزگىرىشىگىچە بولغان ھەر ساھەدە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە، ئەمەلىي باھا بېرىدىغان سايلامغا ئايلاندى. بۇ سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر نىڭ تەشەببۇسلىرى خەلقنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، زور غەلىبە قازاندى.

ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلە. ئامېرىكىدا، ئادەتتە، ئىشسىزلىق نىسبىتى 10% بولۇپ قالسا، ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلاتتى. ئامېرىكىدا ھازىر ئىشسىزلىق نىسبىتى مۇشۇ نىسبەتكە يەتكەن ئىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان بىر يۈرۈش قارارلار، جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى يارىتالمىدى' دېگەن كۆز قارىشى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى. شۇڭلاشقا، بۇ يىلقى ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلام' دا، ئامېرىكىدا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسى زور بەدەل تۆلىدى.

بۇ يىل پرېزىدېنت ئوباما ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرغان ساغلاملىق سۇغۇرتىسىدىكى ‘يىگىرمە ئالتە ياشقا يەتكەنلەر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئائىلىۋى سۇغۇرتا پىلانىدىن پايدىلىنالمايدۇ' دېگەن ماددىلار بۇ قېتىمقى سايلامدا قارشىلىقا ئۇچرىدى. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تەدبىرىگە قارشى ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قاتتىق تەدبىر قوللىنىش تەشەببۇسىمۇ، خەلق ئىچىدىكى چايچىلار ھەرىكىتىدە ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئۈچىنچى، ھەربىي ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. بۇ يىلقى ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلام' دا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئافغانىستان سىياسىتىگە ئوڭچىلارمۇ، سولچىلارمۇ رازىلىق ئىپادىلىمىدى. گەرچە، ھۆكۈمەتنىڭ بەزى جىددىي دېلولارنى پاش قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى يەنىلا دېموكراتلارنىڭ ئاجىزلىق نوقتىسى دەيدىغان كۆز قاراش تۈگىمىدى. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۇئەنتانامونى تاقاپ، تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىنىڭ خەلق قانۇنى بويىچە سوراق قىلىش تەدبىرى چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئوڭۇشلۇق بولالمدى.

چايچىلار ھەرىكىتى

'ھۆكۈمەت كېچىك بولسۇن، چىقىم ئاز بولسۇن' دېگەن كۆز قاراش بىلەن ھەرىكەت قوزغاپ ئۇلغايغان 'چايچىلار ھەرىكىتى' بۇ قېتىمقى سايلامدىكى بىر يېڭى شەيئى. ئامېرىكىدا خەلق ئىچىدە چايچىلار ھەرىكىتى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلامغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ قېتىم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىككى پالاتاغا يېڭىدىن ئەزا بولۇپ سايلىنىشى ۋە يېڭىدىن شتات باشلىقلىقىغا سايلىنىشى ئاساسەن چايچىلار ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلدى. ھازىر بۇ چايچىلار ھەرىكىتىنى، كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا ئۈچىنچى چوڭ سىياسىي پارتىيە بولۇپ شەككىلىنىش ئېھتىمالى بار، دېگەن قاراش پەيدا بولدى.

بۇ سايلامدا، ئامېرىكا ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىگە بولغان تەنقىد 'خىتايغا ئوخشىتىش شەكلى بىلەن ئىپادىلەندى

ئامېرىكىدىكى بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەۋسۇملۇق سايلام' دا، ئامېرىكا ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسە دېگەن ئۇقۇمنى 'خىتايچە ئوبراز' بىلەن ئىپادىلەيدىغان شەكىل قوللىنىلدى. مەسىلەن، جۇمھۇرىيەتچىلەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېتەكچىسى خەررى رىيت ئەپەندىگە قارىتىلغان تەنقىدنى، بۇ ئەربابنىڭ ئوبرازىنى 'خىتاي ئىشچىسى' غا ئوخشىتىپ سېزىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ئوخايو شتاتىغا دېموكراتلار كۆرسەتكەن كاندىدات باب گېببس ئەپەندىگە قارىتىلغان تەنقىدنى، بۇ ئەربابنىڭ رەسىمىنى ئەجدىھار ' غا ئوخشىتىپ سىزىپ، يېنىغا خىتايچە 'رەھمەت ساڭا گېبب ئەپەندى' دېگەن خىتايچە خەتلەرنى يېزىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.