ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

3‏-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دېموكراتچىلار پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتى مىت رومنېي تۇنجى قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

باھالىغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كولورادو شتاتىنىڭ دەنۋېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بەس مۇنازىرىدە، مىت رومنېي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. بىراق مىت رومنېينىڭ كېيىنكى ئىككى قېتىملىق مۇنازىرىدە داۋاملىق ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالالايدىغان-قالالمايدىغانلىقىغا ھازىر بىر نېمە دېمەك تەس. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتا شۇكى، تەرەپلەر بەس-مۇنازىرىدە چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك پەقەت خىتاي مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

دېموكراتلا نامزاتى، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى، سابىق ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ ۋالىسى مىت رومنېي ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق بەس مۇنازىرىدە نۇقتىلىق ئامېرىكىنىڭ مائارىپ، سالامەتلىك، دەم ئېلىش سۇغۇرتىسى، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش، باج، خام چوت قاتارلىق ئىچكى مەسىلىلەر تالاش-تارتىش قىلىنىپ، تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئاساسەن مۇنازىرە قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي بۇنىڭدىن مۇستەسنا بىردىن-بىر دۆلەت بولۇپ قالدى.

بەس مۇنازىرە جەريانىدا مىت رومنېي خىتاينى تەنقىد قىلدى. ئۇ سايلىغۇچىلارغا ۋەدە قىلىپ، خىتاي داۋاملىق ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا قاتتىق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر لېكتورى ئېلشات ھەسەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەس مۇنازىرىدە خىتاي رومنېينىڭ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تىلغا ئالغان بىردىن-بىر دۆلەت بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، ئۇنىڭ خەلق پۇلىنى كونترول قىلىش، خىتاي كارخانىلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئادالەتسىز رىقابەت ئارقىلىق پايدا تېپىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكىدا كارخانىلارنىڭ تاقىلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئوباما ئىلگىرى مىت رومنېي رەھبەرلىك قىلغان شىركەتنىڭ بۇرۇن خىزمەتنى خىتايغا يۆتكەپ، ئۇلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. بىراق چارشەنبە كۈنكى مۇنازىرىدە رومنېي خىتاينى ئىككى قېتىم تىلغا ئېلىپ، خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوباما رومنېيغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغاندا خىتاي مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى.

مىت رومنېي 1‏-قېتىم ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە خىتاينى تىلغا ئالغان.

ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقىنى ئالغا سۈرۈپ، 4 مىليون كىشىگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقى، سودىنى ئېچىۋېتىدىغانلىقى، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن بولغان سودىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ كەسپى قابىلىيىتى ۋە مەكتەپنى ياخشىلايدىغانلىقى، خام چوتنى تەڭشەپ، ئۇششاق تىجارەتنى يۆلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىپ، «ئەگەر خىتاي ئالدامچىلىق قىلماقچى بولسا ياكى قىلسا، ئۇنىڭغا زەربە بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئوباما بولسا ئامېرىكا ئىقتىسادىنى يولغا سېلىش ئۈچۈن مائارىپ سىستېمىسىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە كۆپەيتىپ، كەسپىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش، شىركەت بېجىنى ئازايتىپ، ئامېرىكا ئىچىدە مەبلەغ سالغان شىركەتلەرگە باج كەچۈرۈم قىلىش، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت خىراجىتىنى مۇۋاپىق يوللار بىلەن ئازايتىش قاتارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق بۇ سېلىنمىغا كېتىدىغان چىقىمنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئىككى پارتىيە پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ كۆز قارشىدىكى نېگىزلىك پەرق قىزىل رەقەم ۋە سېلىنمىغا كېرەكلىك پۇلنى قانداق يوللار بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئەكس ئېتىدۇ. پرېزىدېنت ئوباما مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ: بىز ھەم قىزىل رەقەمنى ئازايتىپ ھەم ئامېرىكا ئوتتۇرا تەبىقە خەلقى ئېھتىياجلىق بولغان سېلىنمىنى ئازايماي تۇرۇپ، بۇ چىقىمنى قانداق تۆلەيمىز؟ مېنىڭچە بۇ مەزكۇر سايلام پائالىيىتىدىكى مەركىزى مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە چېكىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغان دۆلەت. رومنېي، ھۆكۈمەت خىراجىتى ۋە قىزىل رەقەمنى قانداق قىلىپ كېمەيتىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە خىتاينى 2‏-قېتىم تىلغا ئېلىپ، پۇل قەرز ئېلىش ئىشلىرىدا خىتايغا تايىنىش ئەھۋالغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ: قىسقىسى، مەن بىرىنچى بولۇپ، مەن بىز ماڭدۇرۇۋاتقان بۇ پروگراممىلارنى سىناق قىلىمەن. بۇ پروگراممىلار بىزنىڭ خىتايدىن قەرز ئېلىپ ماڭدۇرۇشىمىزغا ئەرزىمدۇ-ئەرزىمەمدۇ؟ شۇنىڭغا قارايمەن. ئەگەر ئەرزىمىسە، مەن ئۇلارنى بىكار قىلىمەن. مەن ھەرگىز خىتايدىن پۇل قەرز ئېلىپ تۆلەيدىغان بۇنداق ئىشنى قىلمايمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى. بىراق ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ مەزكۇر سابىق ۋالىسى ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا، خىتايغا قارشى قانداق كونكرېت تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىدى.

خىتايغا سودىدا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى بۇ قېتىمقى سايلامدىكى ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. رومنېي ئىلگىرى خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى چۈشۈرۈپ، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ تەننەرخىنى ئەرزان تۇتۇۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاي تاۋارلىرىغا ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئوباما ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم خىتاينى پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت، دەپ ئېلان قىلىش پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئوبامانىڭ بۇ پۇرسەتنى قوللانمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۆزى پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا، خىتاينى پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت، دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن پرېزىدېنت ئوباما ئۆزىنىڭ پۈتكۈل سايلام جەريانىدىكى نۇتۇقلىرىدا ئىزچىل خىتايغا سودىدا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇ بۇ يىل 9‏-ئايدا خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارغا ياردەم پۇلى بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ 9-قېتىم خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىشى ئىدى. بىراق ئوباما يەنە، خىتاينىڭ قانۇنسىز سودا ھەرىكىتىگە قارشى تەدبىر ئالغاندا ئېھتىياتچان بولۇشنى، بولمىسا بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.

لېكىن ئېلشات ھەسەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە باراۋەرلىك روھى ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. تۈنۈگۈنكى مۇنازىرىدە رومنېينىڭ ئۈستۈنلۈك قازانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىراق مەزكۇر مۇنازىرە سايلىغۇچىلارنىڭ قارارىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھازىر قىياس قىلىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ.