خىتاي مەسىلىسى ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ 2-قېتىملىق بەس-مۇنازىرىسىدە تالاش-تارتىش قىلىندى
2012.10.17
پرېزىدېنت ئوباما بۇ قېتىم كۈچلۈك پوزىتسىيە ئىپادىلەپ، رەقىبى مىت رومنېينى «ئىزچىل ئەمەس» دەپ تەنقىد قىلدى. مۇنازىرىدە ئامېرىكىنىڭ باج سىياسىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق ئىچكى سىياسەتكە تەئەللۇق مەسىلىلەردىن سىرت، تاشقى سىياسەتكە تەئەللۇق بەزى مەسىلىلەر تالاش-تارتىش قىلىنىپ، خىتاي مۇنازىرىدىكى تالاش-تارتىش تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ھەر ئىككى قېتىملىق بەس-مۇنازىرىسىدە خىتاي ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلدى. سەيشەنبە كۈنكى كەچلىك بەس-مۇنازىرىدە، خىتاي يەنە بىر قېتىم جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى مىت رومنېي ۋە دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوبامانىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. ھەر ئىككىلا نامزات، خىتاينىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى.
ئوباما، خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوبامانىڭ خىتايغا «يۇمشاقلىق» قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان مىت رومنېينى تۇتامسىزلىق بىلەن تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى خىتايغا مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكىدىكى ئىش پۇرسىتىنى خىتايغا يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ ئەسكەرتىپ، خىتايغا قاتتىق قوللۇق قىلىشقا توغرا كەلسە، مىت رومنېينىڭ ئۆچىرەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئوباما: خىتايغا قاتتىق قوللۇق قىلىشقا توغرا كەلسە، سىز ئۆچىرەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئادەم. ئۇ، خىتايغا قاتتىق قوللۇق قىلىش ھەققىدە سۆزلىگەندە شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. رومنېي خىتايدىن ئادەم ياللاپ ئىشلىتىدىغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىپ كەلدى. ئۇ يېقىندىلا خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنى نازارەت قىلىشىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى قۇرۇپ بېرىدىغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغان، دەپ كۆرسەتتى.
ئوبامانىڭ بۇ سۆزى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە بۇ يىل باشلىرى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىغا قارىتىپ ئېيتىلغان. ماقالىدا، رومنېي قۇرغان «بېين كاپىتال» ناملىق ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىپ، قانداق پايدا تاپقانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىدا يەنە، رومنېينىڭ شىركىتىگە قاراشلىق بىر ۋاكالەتچى سەرمايە فوندىنىڭ بىر تارماق خىتاي شىركىتىنى سېتىۋالغانلىقىنى، بۇ تارماق شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئىدارە-جەمئىيەت، كىنو-تياتىرخانا ۋە ئۆكتىچى زاتلارنى نازارەت قىلىشىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن رومنېي ئۆزنىڭ خىتاي قاتارلىق ئامېرىكا سىرتىدىكى شىركەتلەرگە ۋاكالەتچى سەرمايە شىركەتلىرى ئارقىلىق مەبلەغ سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبامانىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، ئۆزى پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا، خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى، خىتاينى پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رومنېي، ئەسكەرتىپ: خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پۇل كۇرسىنى ئىزچىل كونترول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. پرېزىدېنت ئوباماغا نەچچە قېتىم خىتاينى پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇنى قىلمىدى. مەن پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرغان كۈننىڭ ئۆزىدە، خىتاينى «پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» دەپ بېكىتىمەن. مەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىدە، زۆرۈر تېپىلسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئادالەتسىزلىك قىلىۋاتقان ساھەلەردە ئۇنىڭ ماللىرىغا باج قويىمەن، دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن رومنېي خىتايغا ۋاكالەتچى شىركەتلەر ئارقىلىق مەبلەغ سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ كونكرېت سودا پائالىيىتىگە ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق دېموكراتلارنىڭ رومنېيغا قاراتقان تەنقىدى بۇنىڭلىق بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ «يۇكو» ۋېدىئو تور بېكىتىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن تەنقىد قىلىنغان. «يۇكو» تور بېكىتى بولسا، ئامېرىكا ۋېدىئو فىلىملىرىنى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش، مىكروسوفتنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا ستەيت سترىت بانكىسىنىڭ سابىق بازار ئانالىزچىسى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادى پەنلەر كاندىدات دوكتورى پەرھات بىلگە ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى، ئەقلى مۈلك ھوقۇقى ۋە خىتاي تاۋارلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق 3 خىل ئامىل، ئامېرىكىنىڭ سودىسىدا زىيان تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەلق پۇلى كۇرسىنى مونوپول قىلىش ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئىزچىل تالاش-تارتىش قوزغاپ كەلگەن مەسىلە. پرېزىدېنت ئوباما 2008-يىلدىكى سايلامدا ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلانسا، خىتاينى «پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ، ھاكىمىيەت سورىغان 4 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىزچىل پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئېلىنمىغان. پرېزىدېنت ئوباما سەيشەنبە كۈنكى بەس-مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئاقلاپ، بۇ 4 يىلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى سىياسىتى ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ئوباما: پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى 11% ئۆرلىدى. بۇ مېنىڭ خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەنلىكىمنىڭ نەتىجىسى. مەن سودا مەسىلىسىدە خىتايغا مىسلىسىز بېسىم ئىشلەتتىم. مانا بۇ مېنىڭ پرېزىدېنتلىق دەۋرىمدە، ئامېرىكا تاۋار ئېكسپورتنىڭ زور مىقداردا ئېشىشىدىكى سەۋەب. بۇ كەلگۈسىدە يەنە، ئامېرىكىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كېڭەيتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
پەرھات بىلگەنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي پۇلى كۇرسىنى كونترول قىلىپ، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ تەننەرخىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئېكسپورتنى جانلاندۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەمگەك بازىرىغا تەسىر يەتكۈزگەن.
دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلار 6-نويابىر پرېزىدېنتلىق سايلىمى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن جەمئىي 3 قېتىم بەس-مۇنازىرە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى 4 يىلدىكى پىلان، سىياسەتلىرىنى شەرھلەيدۇ. سەيشەنبە كۈنكى مۇنازىرە ئۇلارنىڭ 2-قېتىملىق يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشىدۇر.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرى ۋە خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، بىراق ئومۇمىي قاراش تۈنۈگۈنكى مۇنازىرىدە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىپادىسى مىت رومنېيغا قارىغاندا ياخشى بولۇپ، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. ئۇ ئۆتكەن قېتىملىق مۇنازىرىدە ئۈستۈنلۈكنى رومنېي بېرىپ قويغان ئىدى.