ئامېرىكا خەلقى ئوبامانى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالدۇق.
6-نويابىر كۈنى سايلام كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ ھەرقايسى بىلەت تاشلاش ئورۇنلىرىغا يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا خەلقى دېموكراتىك تەرتىپلەر بويىچە بىلەت تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ پرېزىدېنتىنى تاللاپ چىقتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مىت رومنېينى يېڭىپ چىقىپ، پرىزىدېنتلىقىنى يەنە 4 يىل داۋام قىلدۇرۇشنى قولغا كەلتۈردى. ئوبامانىڭ غەلىبىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارادىكى تۈرلۈك چوڭ ئورگان-قۇرۇلۇشلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئوبامانى تەبرىكلىدى ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئوبامادىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشنى مۇۋاپىق تېپىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، ئامېرىكا ئالەم پەن-تېخنىكىسى ئىدارىسى ناسانىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
بۇ سۆھبەتداشلىرىمىز ھەممسىسى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئوبامانىڭ قايتا سايلىنىشىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتۈشتى. ئەمما سۆھبەت داۋامىدا بىز شۇنى ھېس قىلدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئومابادىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئوخشاش. يەنى ئۇلار پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا ئىگە چىقىپ، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە، ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۆل بۆلۈشتەك مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، سۆھبەتداشلىرىمىزنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق ئاڭلىغايسىلەر.