ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارىغا قارىتا ئىنكاس ۋە مۇلاھىزىلەر

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلدى، تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى توختىتىشى ھەققىدە قارار ماقۇللىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىلىگە چېتىشلىق تەرەپلەر ئىنكاس قايتۇردى.

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارارىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئوچۇم خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ " رەزىل قىلمىشى" دەپ ئەيىبلىدى. ليۇ جيەنچاۋ يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق ئۆكتىچى رەھبەرلەرنى قوبۇل قىلىشىنى بۆلگۈنچىلەرگە خاتا سىگنال بەردى دەپ ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد توختى ئەپەندى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى قارارىنى تەبرىكلىدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تېخىمۇ كونكرېت ۋە رىئال مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەت توختى ئەپەندى خىتاينىڭ، جورج بۇش بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدىكى تەنقىدى ھەققىدە توختالدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندىكى بىر قانۇن شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەلمۇ بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلدى.

نۇرى تۈركەل سۆزىدە، تۈنۈگۈنكى قارارنىڭ ئەھمىيىتى ئاساسلىقى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى پالاتا ئەزالىرىنىڭ قارارنى تەستىقلىشى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇلاھىزىسىدە مەزكۇر قارار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ھەقلىق بىر داۋا سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئىنكاسى دەپ كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت نامى ئاستىدا مىليونلارچە دوللار سەرپ قىلىپ ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ كۆرسەتتى.

نۇرى تۈركەل سۆزىدە، خىتاينىڭ جورج بۇش بۆلگۈنچىلەرگە خاتا سىگنال بەردى دېگەن سۆزى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. نۇرى تۈركەل سۆزىنىڭ خۇلاسىسىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈش ۋە جاسارەتسىزلەندۈرۈش يولى بىلەن بويسۇندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ قارارىنىڭ مانا بۇ تىرىشچانلىققا بىر زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.