ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، توردا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ نىشانى توردا بىر مىليون كىشىلىك ئىمزا توپلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن جامائەت پىكىرى ھازىرلاشتۇر.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "قەشقەر ئەدىبىياتى" ژورنىلىنىڭ 2005 ‏ - يىلدىكى 4 ‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرىدە كىشىلەرنى "بۆلگۈنچىلىك"كە قۇتراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ يىلى 11 ‏ - ئايدا ئاپتورنى قولغا ئالغان ئىدى. مارالبېشى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى كېيىنكى يىلى 2 ‏ - ئايدا ئاپتورنى سوتلاپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ھازىر ئۈرۈمچىدىكى 1 ‏ - تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان نۇرمۇھەممەت ياسىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىدىكى ئەڭ مەشھۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

بۇ يىل ئۇنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنىڭ 5 يىللىقىدۇر. ب

ۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىOpens in new window ]

توردا بىر مىليون كىشىلىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قوزغىدى. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ نىشانى خەلقئارا جامائەت پىكىرى توپلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىننى تېزرەك قويۇۋېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن "ياۋا كەپتەر"نى گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلغان گېرمانىيىلىك تۈرك زىيالىي مەھمەت ئايدېمىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىمزا توپلاش پائالىيىتى خەلقئارا جامائەت پىكىر ھازىرلاش ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن دىموكراتىك ئەللەر ھەرىكەتكە كەلمىسە خىتاينىڭ جامائەت پىكىرىگە قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "نۇرمۇھەممەت ياسىنغا ئوخشاش بىر شائىرنىڭ خىتاي زىندانلىرىدا چىرىپ، قابىلىيىتى ۋە يېزىش ئارزۇسىنى يوقىتىپ قويۇشى ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىزگە ئوخشاش تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك ئەدەبىياتىغا قىزىقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن زور يوقىتىشتۇر. ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك، لېكىن خىتاي دۇنيانى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر ئەھۋالغا كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا زور بېسىم لازىم. بۇ بىز يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى بىلەن بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا، تۈركىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ يازغۇچىنى قويۇپ بەر، دېيىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

نۇرمۇھەممەت ياسىن قىسقىغىنە ئىجادىيەت ھاياتىدا ھىكايە، نەسىر ۋە شېىرلار بولۇپ نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى يازغان. لېكىن "ياۋا كەپتەر" ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بىردىن - بىر ئەسىرىدۇر. ئايدېمىر ئەپەندى ھازىرغا قەدەر 3 قېتىم ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رىئاللىقى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گېرمانىيىلىك زات.

ئايدېمىر ئەپەندى، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، يازغۇچىنىڭ ئەسەردە كەپتەرلەرنىڭ تىلى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پىسخىك روھى ھالىتىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان، لېكىن چارىسىز روھى ھالىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇنداق دەيدۇ" :ئۇ ئىنسانلارنىڭ پىسخولوگىيىلىك ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشكە تىرىشقان. ئەسەردە ئىنسانلاردىكى چارىسىزلىك بار. يەنى قەپەزدىكى چارىسىز قالغان بىر كەپتەر بىلەن ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ چارىسىزلىكىنى ئوخشاش ئەھۋالدا دېيىشكە بولىدۇ. دېمەككى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئادەمنىڭ روھى ھالىتى ئوخشاش. ھېچكىم ئاسارەت ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدۇ. ئەسلىدىلا ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا ئەڭ مۇھىم ۋە گۈزەل نەرسە ئۇنىڭدىكى ئەركىنلىك ئارزۇسىدۇر. ئىنسانلار دائىم ئەركىن ياشاشنى خالايدىغان، ھېچكىم‏ ھېچكىمنىڭ بېسىمى ئاستىدا قېلىشنى خالىمايدىغان بىر بارلىقتۇر."

ئەيدېمىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇشتۇر، دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ياۋروپادا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يوق دىيەرلىك ئاز، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر ناھايىتى ئاز ئەسەر بار. ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىرىنى مەن ئوقىيالمايمەن. چۈنكى ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئوقۇشنى بىلمەيمىز. ئىنشائاللاھ ياۋروپادا ياشىغان ئۇيغۇرلار يېڭى يېزىلغان ھىكايە ۋە رومانلارنى ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلار. بۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردىمى تېگىدۇ. مەن بۇ يىل فرانكفورد كىتاب يەتمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندىم. يەرمەنكىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىلەن تونۇشتۇم. كېلەر يىلقى فرانكفورد كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىلەن بىر بۆلۈم ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان ئەدببىياتىنى كۆرگەزمىگە قويۇشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن،" دەيدۇ.

ئۆزدېمىر ئەپەندى، نۇر مۇھەممەت ياسىننىڭ "ياۋا كەپتىرى"نىڭ گېرمان تىلىدىكى تەرجىمىسى يېقىندا گېرمانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەپتىلىك ژورنىلى - دېر شىپېيگىلدا بېسىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ياۋروپا تىللىرىدا تونۇشتۇرۇشتىكى دەسلەپكى قەدەم بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ تەسەۋۋۇرى شۇ قەدەر كەڭ، تەسۋىرى شۇ قەدەر گۈزەل، ئۇ يۈز بەرگەن ۋەقەنى ھايۋانلارنىڭ تىلى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت بىلەن زىددىيەتلەشمەسلىكنىڭ يولىنى تۇتقان. ئەسەرنى ئوقىغان ھەممە ئادەمنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلمەي ئەسەرنى چۈشىنەلىشى تەس. چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ناھايىتى مەنىلىك بىر ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر گېرمانىيىنىڭ بىر مىليون 200 مىڭ تراژدا نەشر قىلىنىدىغان ھەپتىلىك ژورنىلى - دېرشىپېيگېلدە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەسەر ئوقۇرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.