ئامېرىكىنىڭ قەرز چېكىنى ئاشۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چىقىملىرىنى قىسقارتىش توغرىسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار ئۇزۇندىن بۇيان پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماي كېلىۋاتاتتى. ئىككى پارتىيە ئايلاردىن بېرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز چېكىنى ئاشۇرغان تەقدىردە، ھۆكۈمەتنىڭ قەرزنىڭ ئورنىنى قانداق تولدۇرىدىغانلىقىنى تالاش تارتىش قىلغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ چىقىملىرىنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلسا، دېموكراتلار ئامېرىكىدىكى بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھەر ئىككى تەرەپ نەچچە قېتىملىغان راي سىناشتا بىر-بىرىنىڭ قانۇن لايىھىلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.
نەچچە ھەپتىدىن بېرى كەسكىن داۋام قىلغان مۇنازىرىلەر داۋامىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ مۇرەسسەلەرگە يول قويغان ئورتاق بىر نۇقتىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز چېكىنى ئاشۇرۇش» ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلدى. تۈنۈگۈن ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسى، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى چۈشتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، 26 گە قارشى 74 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما مەزكۇر لايىھە بۈگۈن كەچقۇرۇن ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قانۇن لايىھىسى رەسمىي قانۇن بولۇپ بەلگىلەندى.
مەزكۇر قانۇن ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن باشقا دۆلەتتىن قەرز ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئامېرىكىدا بۇ خىل قانۇن لايىھىسى ماقۇللانمىغان بولسىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قەرزلىرىنى تۆلىيەلمىگەن ۋە بۇ خىل ئەھۋال ئامېرىكا ئىقتىسادىدا كرىزىسقا يول ئاچقان بولاتتى. كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىدىكى بۇ كرىزىسنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىسىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىدى.
بۈگۈن قانۇن لايىھىسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خەلققە بايانات بېرىپ، قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز چېكىنى 2 تىرىليون دوللار ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكىلىقلارغا تاپقان پۇلىغا چۇشلۇق ياشاش ئىمكانى يارىتىدىغان دەسلەپكى بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئوباما يەنە، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مائارىپ، تەتقىقات ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا ۋە يېڭى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشقىمۇ يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇننىڭ ئىشقا كىرىشىشى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز چېكى سوممىسى ئەسلىدىكى 14.3 تىرىليون دوللاردىن يەنە ئىككى تىرىليون دوللار ئاشقان.ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، بۇ قانۇندا 10 يىللىق بىر مەزگىل ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ چىقىملىرىنى بىر تىرىليون دوللار قىسقارتىشمۇ بەلگىلەنگەن.
گەرچە ھازىر جۇمھۇرىيەتچىلەر قانۇن لايىھىسىدىن مەمنۇن بولۇشۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دېموكراتلار ھۆكۈمەت چىقىملىرى بۇنداق جىق قىسقارتىلغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمەتلىرىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا. دېموكراتلار ھەم قانۇن لايىھىسىدە بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئۆرلىتىش ماددىسىنىڭ كىرگۈزۈلمىگەنلىكىدىنمۇ نارازى بولسىمۇ، شۇنداقتىمۇ نۆۋەتتە ھەر ئىككىلا تەرەپ دۆلەتنى ئىقتىسادىي كرىزىسقا سۆرەپ كىرىش ئېھتىمالى بولغان كېلىشمەسلىكنى يېڭىپ، ئورتاق بىر قارار لايىھىنى ئىمزالىغانلىقتىن مەمنۇن بولماقتا. ببچ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى پارتىيىدىن تاللانغان ئەزالاردىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە بىر ھەيئەت قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەيئەت ھۆكۈمەتنىڭ قايسى خىل چىقىملىرىنى ئازايتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق چىقىملىرى بىرمۇ - بىر تەكشۈرۈپ چىقىلىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ھەيئەت ئۆز ئىچىدە بىر كېلىشىم ماقۇللايدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىملىق قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن گەرچە ئوباما بىر قىسىم ۋەدىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا ھۆكۈمەتنى قەرزگە بوغۇپ قويغان بىر پرېزىدېنت دەيدىغان تەنقىدلەرگە ئۇچراشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.