ئامېرىكىلىق ياشلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تىللارغا بولغان قىزىقىشى ئۆرلىمەكتە

ئامېرىكىدا ئەرەبچە، فارسچە، خىتايچە، روسچە قاتارلىق تىللار دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ئۆگىنىشكە تىگىشلىك تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تىللىرىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تىللار قاتارىغا كىرگۈزگەن. ھازىر ئامېرىكىلىق ياشلار خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۈچۈن بۇ تىللارنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قىزىقىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتى، ئىران بىلەن بولغان يادرو مەسىلىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى، ئامېرىكىلىق ياشلار ئارىسىدا ئەرەبچە ۋە پارسچە قاتارلىق تىللارنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل تىللارنىڭ يەنە، ئامېرىكىدا مۇئەييەن دەرىجىدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى تىل ئۆگىنىش مەركەزلىرىدە، ئەرەبچە ۋە پارسچە ئۆگىنىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ھالدا ئارتقان. بۇ خىل ئەھۋال پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى تاشقى سىياسىتى ۋە بۇ تىللارنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا فرانسۇزچە ۋە ئىسپانچە ئۆگىنىش ئۈچۈن تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانى جىق بولغان بولسا، ھازىر ئەرەبچە ۋە پارسچە ئۆگىنىش ئۈچۈن تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئىلگىرى يىللاردىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشقان.

ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى تىل ھازىر كۆپلىگەن يېڭى خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىدارە - ئورگانلار، مەسىلەن: ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگانلىرى، مەسلىھەت ئورگانلىرى، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ئارمىيىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئەرەبچە، پارسچە بىلىدىغان ئىستىخبارات تەتقىقات مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەرجىمانلار خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىكەن.

ئۇنداقتا قايسى تىللار ئامېرىكىدىكى جىددىي ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تىللار، قايسى تىللار ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تىللار قاتارىغا كىرىدۇ؟ ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب، پارس، رۇس، خىتاي، پەشتۇن، ئوردو، ھىندى قاتارلىق تىللار جىددىي ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئەزەربەيجانچە، ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە ۋە كۇردچە، مالايچە قاتارلىق تىللار بولسا ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەرقايسى ئىستراتېگىيىلىك تىللارغا بولغان ئېھتىياجى ستاتىستىكا قىلىپ چىقىلغان جەدۋەلدە ئەرەبچىگە بولغان ئېھتىياج 25 پىرسەنت، جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى 10 پىرسەنت، پارسچە 6 پىرسەنت، تۈركىي تىللار 2 پىرسەنت دەپ كۆرسىتىلگەن.

يۇقىرىقى رەقەملەردىن مەلۇم بولغاندەك، ئامېرىكىدا بۇ تۈر تىللارغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقتىن 2002 - 2006 يىللىرى ئارىسىدا ئەرەبچە دەرسكە تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 125 پىرسەنت، پارسچىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى يۈزدە 75 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان تىللارغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 13 پىرسەنت ئاشقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى2008 - يىلى ئەرەبچە ۋە پارسچىدىن ئىبارەت ئىككى تىلنى ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە چەتئەل تىلى قىلىپ ئوقۇتۇشنى بېكىتكەن بولۇپ، يېقىندا ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا سېلىنغان مەبلەغنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرغان. ئەمما، ھازىرقى مەسىلە بۇ ئىككى تىلدا دەرس بېرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى بۇ تىلنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىقتەك ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن.

"لوس ئانجىلىس ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تىللاردا ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ساھەگە مەبلەغ سالغان.

ئەرەبچە، پارسچە، رۇسچە، خىتايچە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا تىللاردا ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يالغۇز كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا 2 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىلغان. بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تەرىپىدىن ئىمزالانغان بولۇپ، ئامېرىكا مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان راسخوتنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتى 2006 - يىلى يۇقىرىدىكى تىللار تەسىس قىلىنغاندىن بېرى ھازىرغىچە 250 ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار ھازىر مۇداپىئە، دىپلوماتىيە ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.