ئىپتار زىياپىتىگە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلدى.
زىياپەتكە رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى
زىياپەتكە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەكىلىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىپتار زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنىشى ئىكەن.
ئىپتار زىياپىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىم نۇتۇق سۆزلەپ ئامېرىكىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كاندىلىزا رايس:" بىر مىليارتتىن ئارتۇق ئىنسان ئىسلامدىن ئۈمىد ۋە ئەمىنلىك تاپقان "
ئامېرىكا تاش ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىم، ئۆتكەن بىر نەچچە يىل جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىشىش ھەمدە بۇ ئۇلۇق ئاينى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: "بىر مىليارتتىن ئارتۇق ئىنسان ئىسلامدىن ئۈمىد ۋە ئەمىنلىك تاپقان بولۇپ، رامىزان ئۇلارنى دۇئا - تىلاۋەت، قۇربانلىقلار ۋە خەيرى - ساخاۋەتلەر ئارقىلىق ئىمانىنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. باشقا دىنلاردىكى كىشىلەرمۇ، ئائىلە سۆيگۈسى، جەمئىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە خۇداغا بولغان مىننەتدارلىقتىن ئىبارەت رامىزان روھىدىن زوقلىنىدۇ."
كاندىلىزا رايس:" كىشىلەر ئىمان - ئىبادەتلىرى تۈپەيلى جازاغا تارتىلماسلىقى كېرەك"
كاندىلىزا رايس خانىم، ئىسلامنىڭمۇ ئامېرىكىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدىغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئېسىل تەرەپلىرىنى نامايان قىلىدىغان نۇرغۇن مەدەنىيەت ۋە دىنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: " ھەقىقىي ئامېرىكىلىق بولۇش دېگەنلىك، دۆلىتىمىزنىڭ باش پرىنسىپى بولغان، ھەممە ئادەمنىڭ تەڭ باراۋەر يارىتىلغانلىقى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرىسال ۋە تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ھوقۇقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى يولغا قويۇش بولۇپ، بۇ ھوقۇقلار بېسىمدىن خالى ھايات كەچۈرۈش، ئىمان - ئىبادەتلىرى تۈپەيلى جازاغا تارتىلماسلىق، ئوچۇق - ئاشكارا ئويلاش ۋە سۆزلەش ھەمدە ئەركىن ھالدا تەشكىللىنىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."
كاندىلىزا رايس: " سىلەر ھەر بىرىڭلار بىر ئۇلۇغ ئىماننىڭ، تىنچلىق ۋە مۇھەببەت دىنىنىڭ ئىگىلىرى"
كاندىلىزا رايس خانىم نۇتقىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە يېتەرسىز تەرەپلىرى بارلىقىنى، شۇڭلاشقا ئامېرىكىنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ دېموكراتىك ۋە بارلىق ئىنسانلار ئارزۇ قىلىدىغان بىر جەمئىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كاندىلىزا رايس خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتتى ۋە: "سىلەر ھەر بىرىڭلار بىر ئۇلۇغ ئىماننىڭ، تىنچلىق ۋە مۇھەببەت دىنىنىڭ ئىگىلىرى. سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلار ئەسلىدىنلا باي مەدەنىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدىغانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. رەھمەت سىلەرگە. مەرھابا رامىزان،" دېدى. كاندىلىزا رايس خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
رايس خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
8 - سېنتەبىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئويۇشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتى جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىم بىلەن ئۇچراشقان. ئالىم سېيىتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايس خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، جۈملىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرى ئابلىكىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رامىزان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەرخىل شەكىلدە كۈتىۋېلىنىۋاتقان، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ رامىزان ئېيىنى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە قۇتلۇقلاپ ئىپتار زىياپەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ رامىزان ئېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان چەكلەش ۋاسىتىلىرى بىلەن دەخلىگە ئۇچرىماقتا.
ئالىم سېيىتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئېغىر چەكلىمىلەرگە ۋە بېسىملارغا ئۇچراۋاتقان مىنۇتلاردا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەتلىك ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقانلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلغان.