ئامېرىكا - رۇسىيە يادرو قوراللىرى كېلىشىمى خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمىترىي مېدۋىدېۋ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا يېڭى يىللىق مەكتۈب يوللاپ، مەكتۇبىدا رۇسىيە ‏- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇماسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

رۇيېترىس ئاگېنتلىقى 6 ‏- يانۋار چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا ‏- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىىدىكى ماقالىسىدە ،كىرىمىل - ۋاشىنگتون مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، شېرىكلىك ۋە ئىتتىپاقلىق شۇنىڭدەك بىر - بىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىش ئاساسىدا رىۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور ئۆزگىرىش ياساۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن موتەخەسسىسلەرمۇ، جورج بۇش دەۋرىدە ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئاخىرىقى ئايلىرىدا قاتتىق يىرىكلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.

باراك ئوباما ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن، مۇئاۋىن پرېزىدېنت جو بايدېن ، گېرمانىيىنىڭ مۇنىخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا ، موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بۇرۇنقىغا سالاۋەت قىلىپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردە بىرلىكتە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش يولىنى تۇتۇش كرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن ، ۋاشىنگتون - موسكۋا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى ۋە ئىجابىي يۆنۈلۈشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى قىياس قىلىشقان ئىدى.

ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېڭىشى سابىق مەسلىھەتچىسى ۋە ھاۋا ئارمىيە گېنېرالى برېنت سكوۋكروفتمۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى "تىكەنلىك ، ئەمما تۈزۈلۈش يولىغا قاراپ ماڭغان بىر مۇناىسۋەت،" دەپ تىلغا ئالدى.

سكوۋكروفت يەنە ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان ناچار مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتە چوقۇم تۈزۈلۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 1991 ‏- يىلى ئىمزالانغان ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، مەزكۈر كېلىشىم مۇددىتىنىڭ دېكابىر ئېيى ئاياقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلى موسكۋادا ئۇچراشقان ئوباما بىلەن مېدمېدېۋ ، يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش كېلىشىمى توغرىسىدىكى ئومۇمىي شەرت - تەلەبلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

ئەمما سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنسې ئېگلابۇرگېر ، رۇسىيىنىڭ ، يادرو قوراللىرى مەسىلىسدە ئامېرىكىنى ئىزچىل تۈردە قېيىن ئەھۋالدا قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى جەھەتلەردە رۇسىيىگە كەڭچىلىك قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىكى ھەر بىر ماددىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتى شۇنىڭدەك رۇس پارلامېنتى دۇما تەرىپىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەستىقلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئامېرىكا ‏- خىتاي ھەمدە رۇسىيە ‏-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دەل بۇ پەيتتە 5 ‏- يانۋار كۈنى كانادادا چىقىدىغان "دۈلەت مۇداپىئە مۇلاھىزىسى" دە رۇسىيىنىڭ خىتايغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان سۇ 33 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ، رۇسىيە 20 يىل سەرپ قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن مەزكۈر كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئۆزى ياساپ چىقىش ئۈمىدىنىڭ قېيىنغا توختايدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا پات ئارىدا ماقۇللانماقچى بولغان يادرو قوراللىرى كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسى خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ھەقتە تۈركىيە قوچ ئۇنېۋىرسىتېتىدىكى پىروفېسسور دوكتور تېمۇر غوجا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.