ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا ئىككى كاندىدات ھازىر جىددىي رىقابەتتە

ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا قايسى كاندىداتنىڭ غەلىبە قىلىدىغان 11 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى مەلۇم بولىدۇ. شۇ كۈندە چىقىدىغان خۇلاسە پۈتۈنلەي دۆلەت پۇقرالىرى تاشلىغان بېلەت سانىغا باغلىق. بۇنىڭغا يەنە ئىككى ھەپتە قالدى.

0:00 / 0:00

ھازىر ئامېرىكىدا داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمىدا، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى جوھن ماككېيننىڭ سايلام رىقابىتى كۈندىن ‏ - كۈنگە جىددىي بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئىگە بولۇۋاتقان ئاۋاز سانى ۋە راي سىناش نەتىجىلىرىمۇ كۈنسىرى ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

ئىككى كاندىداتنىڭ دۆلەت بېجى مەسىلىسىدىكى تىركىشىشى بىر قەدەر جىددىي

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككى كاندىداتنىڭ دۆلەت بېجى مەسىلىسىدىكى تىركىشىشى ھازىر بىر قەدەر جىددىي. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى باراك ئوباما ئىشلەيدىغان %95 ئائىلىدىن باجنى كام ئېلىش ۋە كىرىمى 250 مىڭ دوللاردىن ئاشىدىغان ئائىلىدىن باجنى ئاشۇرۇپ ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى جوھن ماككېين بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ ۋە 'ئوبامانىڭ مەقسىتى بايلىقنى كۆپەيتىش ئەمەس، بەلكى بايلىقلارنى قايتىدىن تەقسىم قىلىدىغان خاتا سىياسەت قوللىنىش' دەپ قارايدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوبامانىڭ ئۆز پارتىيىسى ئىچىدىكى سايلام رىقابەتچىسى خىللارىي كلىنتون خانىم فلورىدا شىتاتىدا سايلىغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ 'سايلامدا دۆلەت بۇيىچە ئوباما ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېلىۋاتىدۇ، خۇلاسە چىقىپ بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋاز بېرىشنى كۆپەيتىش ھاجەتسىز دەپ قارالسا، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك كېلىپ چىقىشى مۇمكىن' دېدى.

كولىن پاۋىلنىڭ ئوبامانى قوللىغانلىقى كىمگە ئاۋاز بېرىشى نامەلۇم تۇرغانلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى جۇمھۇرىيەتچى گېنېرال كولىن پاۋىل 10 ‏ - ئاينىڭ 19 ‏ - كۈنى باراك ئوبامانى قوللاپ چىقتى. بۇ ھازىر داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمىدا، كىمگە ئاۋاز بېرىشى نامەلۇم تۇرغان دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدە تەسىر قوزغىدى. كولىن پاۋىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، باراك ئوباما ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇشقا لاياقەتلىك، دېگەندە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىىسنىڭ كاندىدات جوھن ماككېيىن تاللىغان مۇئاۋىن پرېزىدېنت كاندىداتى سارە پېيلىننى لاياقەتسىز دېدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باراك ئوباما كولىن پاۋىلنىڭ قوللىغانلىقىدىن پەخىرلەندى. ئەمما جوھن ماككېيىن بۇ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ 'مەن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كولىن پاۋىلنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىدىن ئەجەپلەنمەيمەن، ھازىر سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن 4 كىشى مىنى قوللايدۇ' دېدى.

'ئوباما ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن لاياقەتلىك ئادەم'

خىتاينىڭ 'بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتى' بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە 'پرېزىدېنت بۇش بىلەن پىكىر ئىختىلاپى چوڭ بولۇپ كېلىۋاتقان كولىن پاۋىلنىڭ ھازىر ئوبامانى قوللىغانلىقى سايلامدا يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى' دەپ بايان قىلدى ۋە كولىن پاۋىلنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى ئامېرىكا تارىخىدا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش شىتاب باشلىقى بولغان ۋە تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى بولغان ئامېرىكىلىق قارا. ئۇ جورج بۇش ھۆكۈمىتىدە 3 يىلدەك تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى بولۇپ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان؛ ئۇ سۆزىدە 'ئامېرىكا تارىخى ھازىرقىدەك بىر باسقۇچقا كەلگەندە، ئامېرىكىغا رەڭگى ئوخشىمايدىغان يېڭى پرېزىدېنت كېرەك، ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن لاياقەتلىك ئادەم' دەپ بايان قىلدى.

بۇ خەۋەردە يەنە، كولىن پاۋىل 'جوھن ماككېيىن تاللىغان مۇئاۋىن پرېزىدېنت كاندىداتى سارە پېيلىننى مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولۇشقا لايىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئوبامانى تېررورچىلار لاگىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېگەنلىكى ئىچى تارلىق قىلغانلىق' دېدى دەپ بايان قىلدى.

ئەمەلىيەتتە جوھن ماككېيىن ئېرىشىۋاتقان ئاۋاز سانى تەدرىجى ئۆرلەۋاتقانلىقى ئېنىق

'ۋولت سترىت ژۇرنىلى'دا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا ئىككى كاندىداتنىڭ رىقابەتلىشىشى ناھايىتى جىددىي. دۈشەنبە كۈنىگە قەدەر، ئوباما بۇرۇن جورج بۇشقا كۆپ ئاۋاز بەرمىگەن شىتاتلاردا ئېلىپ بارغان سايلام پائالىيىتىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. پارتىيىسىز سايلىغۇچىلار ئىچىدە بولسا ئوباما %49 ئاۋازغا ئىگە، جوھن ماككېين %42 ئاۋازغا ئىگە.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، 'لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى' ئېلىپ بارغان راي سىناشقا قاتناشقانلار ئىچىدە دېموكراتلار %34 نى، جۇمھۇرىيەتچىلەر %26 نى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر 'راي سىناش' دېگەن شەكىلنىڭ ئەھۋالنى توغرا ئىنكاس قىلالىشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە بولسا، باشقا شىتاتلاردا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىىسنىڭ كاندىداتى جوھن ماككېيىن ئېرىشىۋاتقان ئاۋاز سانى تەدرىجى ئۆرلەۋاتقانلىقى ئېنىق.

ئامېرىكا تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر ئۈچ پرېزىدېنت

ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى ئاخىرلىشىشىغا ئىككى ھەپتە قالغاندا، ئامېرىكا تارىخىدا ئۆتكەن پرېزىدېنتلارنىڭ سايلىنىش ۋە ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىدىغان كىشىلەر كۆپەيدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ كەلگەن خەتلەرگە بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا 1776‏ - يىلى 7 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى مۇستەقىللىق باياناتى جاكارلاپ ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكە قىلىشىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، 1789 ‏ - يىلى دۆلەتنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتى. 1792 ‏ - يىلى تۇنجى پرېزىدېنتنى سايلاپ چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرقى پرېزىدېنت جورج بۇشقا قەدەر 43 قېتىم پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى.

بۇ جەرياندا ئامېرىكا خەلقى ئەڭ مەشھۇر پرېزىدېنت دەپ باھا بەرگەن پرېزىدېنت ئۈچ. ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى جورج ۋاشىنگتون. ئۇ ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرغان ئاۋانگارد، ئۇ ئىككى قېتىم (يەنى سەككىز يىل) پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، 1796 ‏ - يىلى ئېلان قىلغان خوشلىشىش نۇتقىدا ئۆمۈرلۈك پرېزىدېنت بولۇشنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىككىنچى ئەڭ مەشھۇر پرېزىدېنت دەپ باھا بېرىلگەن كىشى ئامېرىكىنىڭ 1861‏ - يىلىدىن 1865‏ - يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن 16 ‏ - قېتىملىق پرېزىدېنتى لىنكولن. ئۇ دۆلەتنى پارچىلىنىشتىن ساقلاپ قالغان، قارا قۇللارنى ئازاد قىلغان ۋە 'ھەممە ئادەم تۇغۇلغاندىلا باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە' دېگەن پرىنسىپنى بېكىتكەن كىشى.

ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۈچىنچى ئەڭ مەشھۇر پرېزىدېنت دەپ باھا بېرىلگەن كىشى ئامېرىكىدا 1933‏ - يىلىدىن 1945‏ - يىلىغىچە ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن 32 ‏ - قېتىملىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمان ۋە ياپون فاشىزمىنى مەغلۇپ قىلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى، ئىلاھقا چوقۇنۇش ئەركىنلىكى، ئەركىنسىز قېلىشتىن خالى بولۇش ئەركىنلىكى ۋە ۋەھىمىگە قېلىشتىن خالى بولۇش ئەركىنلىكى دېگەندىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ 4 خىل ئەركىنلىكىنى جاكارلىغان كىشى. ‏شۇنىڭدىن بۇيان ئامېرىكا مۇشۇ پرىنسىپلاردىن چەتنەپ كەتمىدى.