دېموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى جون مىكېين ئەڭ ئاخىرقى كۈنلۈك سايلام پائالىيىتىنى سايلام نەتىجىسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغان شىتاتلاردا ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى دۈشەنبە كۈنى بۇ نۆۋەتلىك سايلام رىقابىتى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ جىددى ۋە ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى. ھەر ئىككى پارتىيە نامزاتى سايلامغا ئاز قالغان مىنۇتلاردا سايلىغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوباما ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى جون مىكېين دۈشەنبە كۈنكى سايلام پائالىيىتىنى بۇ نۆۋەتلىك سايلامغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان شىتاتلارغا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، پېنسىلۋانىيە، ئوخايو، تېنىسسى، ۋىرجىنىيە، ئىندىئانا، فلورىدا، نېۋادا، ئارىزونا شىمالىي كورولاينا شىتاتلىرىدا سايلام رىقابىتى ئەۋجىگە چىققان. بۇ شىتاتلار ئىككى پارتىيە رىقابەتچىلىرىنىڭ راي سىناش نەتىجىلىرىدىكى بېلەت پەرقى ئاز، قارارسىزلار كۆپسانلىقنى ئىگىلەيدىغان، ھەر ئىككى نامزاتنىڭ ئۆتۈۋېلىش ئېھتىمالى تەڭ نىسبەتلىك شىتاتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جون مىكېيننىڭ پىلانى ئەڭ ئاخىرقى سايلام پائالىيىتىدە فلورىدا، تېننېسسى، پېنسىلۋانىيە، ئىندىئانا، يېڭى مېكسىكا، ئارىزونا ۋە نېۋادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 7 شتاتنى كېزىپ چىقىش بولۇپ، ئۇ يەكشەنبە كۈنكى كەچلىك سايلام پائالىيىتىدە فلورىدا شتاتىنىڭ مىئامى شەھىرىدىكى لاتىن قان سىستېمىسىدىكى ئامېرىكىلىقلارغا ئۆزىنى سايلاشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرگەن شۇنداقلا "... بىزنىڭ ئامېرىكىنى يېڭى بىر يۆلىنىشكە ئېلىپ مېڭىشىمىزغا پەقەت بىر كۈنلا قالدى"دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. راي سىناش نەتىجىلىرىدە دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوباما فلورىدا شتاتىدا مىكېينگە قارىغاندا %2 دىن %4 كە قەدەر ئالدىدا بولۇپ، بۇ مىكېيننىڭ فلورىدا شتاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىدىكى تۈپكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئەڭ كۆپ تالاش - تارتىش قىلىنغان نەرسە ئىقتىسادى مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ تېما نۆۋەتتىكى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى بىلەن ئامېرىكا خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.
دۈشەنبە كۈنى ۋالل سترئىت ژورنال گېزىتىدىكى بىر ماقالىدە ئوبامانىڭ باج سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. جون مىكېين " ئوباما باجنى كۆپەيتمەكچى شۇنداقلا سودىغا چەكلىمە قويماقچى. ئامېرىكا بۇنى بۇرۇن سىناپ باققان، بۇ بۇرۇن ئامېرىكىدا چوڭ بۆھراننى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى،" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ دۈشەنبە كۈنى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ سكىرانتون شەھىرىدە قوللىغۇچىلىرىغا سايلام نۇتقى سۆزلەپ،" كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئوباما تەقسىماتچى رەھبەر بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە. مەن باش قوماندان بولۇش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشۈۋاتىمەن،" دېگەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ رەڭگارەڭ ۋە دەۋر بۆلگۈچ سايلاملارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى تۈپكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوبامانىڭ ئىرقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئافرىقا ئىرقىدىكى قارا تەنلىك نامزات ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا 1 - قېتىم يۈز بېرىۋاتقانلىقىدۇر. مەملىكەت خاراكتېرلىك راي سىناش نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، باراك ئوباما رەقىبى جون مىكېينگە قارىغاندا %5 دىن %11 كە قەدەر ئالدىدا ماڭماقتا. بۇ ئوبامانىڭ ئەتىكى سايلامدا يۈزدە - يۈز ئۇتۇۋالىدىغانلىقى كاپالەتكە ئىگە دېگەنلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ دېموكراتلار ئۈچۈن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يۈزلىنىشتۇر.
بەزى كۈزەتكۈچىلەر ئوبامانىڭ راي سىناش نەتىجىلىرىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىشىدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ رولى بارلىقى يەنى ئوبامانىڭ قارا تەنلىك ئىكەنلىكى، يېڭى سايلىغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى ۋە مىكېيننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى سارا پېيلىننىڭ تەسىرى، چۈنكى كۆپچىلىك سايلىغۇچىلاردا ئالياسكا ۋالىسى سارا پېيلىننىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا تەجىربىسىز ئىكەنلىك تەسىراتى مەۋجۇت. 47 ياشلاردىكى ئوباما بولسا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنكى سايلام پائالىيىتىنى 2004 - يىلقى سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇتۇۋالغان شىتاتلارغا قاراتقان. بۇ شىتاتلارنىڭ ئىچىدىكى ۋىرجىنىيە ۋە شىمالىي كارولايناغا ئوخشاش شىتاتلار 30 - 40 يىلدىن بېرى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە بېلەت تاشلاپ كەلگەن، لېكىن بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا دېموكراتلارنىڭ ئۇتۇش ئېھتىمالى يۇقىرى شىتاتلار ئىدى.
ئوباما دۈشەنبە كۈنى ئوخايۇ شتاتىنىڭ كلىۋېلاند شەھىرىدىكى سايلام پائالىيىتىدە مۇنداق دەيدۇ": تارىخنىڭ بۇ ھەل قىلغۇچ مىنۇتلىرىدا سىلەر بىز ئېھتىياج بولغان بۇ دۆلەتنى ئۆزگەرتىش قارارىنى بېرىسىلەر. شۇنداقلا سىلەرنىڭ بۇ قارارىڭلار مۇشۇ يەردىن يەنى مۇشۇ ئوخايۇدىن باشلىنىدۇ". باراك ئوباما دۈشەنبە كۈنى ۋالل سترەئەت جوئۇرنال گېزىتىدىكى مىكېينگە قارشى ئېلان قىلغان ماقالىسىدا بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرگەن بولۇپ،" ئەگەر سىلەر ماڭا بېلەت تاشلىساڭلار بىز بۇ سايلامنى ئۇتۇپلا قالمايمىز، بىز بۇ دۆلەتنى ۋە دۇنيانى بىرگە ئۆزگەرتىمىز"، دېگەن ئىدى. سىتاتىستىك مەلۇماتلار بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا تەخمىنەن 130 مىليون ئادەمنىڭ بېلەت تاشلايدىغانلىقى، بۇ 1960 - يىلدىن بېرى ئەڭ كۆپ ئادەم بېلەت تاشلىغان سايلام بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكىنىڭ سايلام سىستېمىسىدا ھەر قايسى شىتاتلارغا نۇپۇسىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە ئاساسەن سايلىغۇچى بېلەت تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، بۇ سايلىغۇچى بىلەت 'ئېلەكتورال كوللەگ،' دەپ ئاتىلىدۇ.
بىر شتاتتىكى ئاۋام خەلقنىڭ كۆپچىلىك ئاۋازىغا ئېرىشكەن نامزات شۇ شتاتنىڭ سايلىغۇچى بېلىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. مەسىلەن :كالىفورنىيە ئامېرىكىدىكى سايلىغۇچىلار بېلەت سانى ئەڭ كۆپ شىتاتتۇر. كالىفورنىيىدە خەلقى ئاۋازىنىڭ كۆپ قىسىمىغا ئېرىشكەن نامزات، بۇ شتاتنىڭ 55 سايلىغۇچى بېلىتىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن ئىككى نامزاتنىڭ قايسى بىرى جەمئىي 538 دانە سايلىغۇچى بېلەتنىڭ كېرەكلىك 270 ئىگە ئېرىشسە، سايلامدا شۇ نامزات غەلىبە قىلغان بولىدۇ. راي سىناش نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامزاتلار فلورىدا، ئىندىئانا، مىسسورى، شىمالىي كارولاينا، نېۋادا ۋە ئوخايۇ شىتاتلىرىدا ئازغىنە پەرقى بىلەن ئات بېشى كېتىۋاتىدۇ. مىكېين، بۇ 6 شتاتنىڭ ئىچىدىكى ئىندىئانا بىلەن شىمالىي كارولاينادا ئالدىدا مېڭىۋاتقان بولۇپ، ئوباما نېۋادا، ئوخايۇ، مىسسورى، فلورىدا شىتاتلىرىدا ئالدىدا كېتىۋاتىدۇ. دۈشەنبە كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى سارا پېيلىن ئوخايودا، دېموكراتلار مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى بايدېن فلورىدا شتاتىدا سايلام پائالىيىتى ئېلىپ باردى.