ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاخىرقى بېلەت تاشلاش داغدۇغىسى

بۈگۈن 11‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىلەت تاشلاش كۈنى. ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى مەھەللىلىرىدە دۆلەت پۇقرالىرى بۈگۈن تاڭ سەھەردىن باشلاپ بېلەت تاشلاۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى سايلامدا بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ سانى بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا ناھايىتى كۆپ. نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان سەپ ناھايىتى ئۇزۇن.

كىم جەمئى 270 نومۇرغا ئېرىشسە، ئۇ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ

بۈگۈن قايسى كاندىدات فلورىدا، ئوخايو، مىسسۇرى، شىمالى كارولىنا، ئىندىياننا، مىننىسۇدالاردا ئۇتۇپ جەمئى 270 نومۇرغا ئېرىشسە، ئۇ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۈگۈنكى سايلام نەتىجىسى ئاخىرقى مىنۇتلاردا چىقىدۇ. سايلانغان يېڭى پرېزىدېنت كېلەر يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالىدۇ.

ئەگەر دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى باراك ئوباما سايلىنىپ چىقسا، ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم قارا تەنلىك پرېزىدېنت سايلانغان يېڭى تارىخ يارىتىلىدۇ. ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى جوھن مىككېيىن سايلىنىپ چىقسا، ئامېرىكىدا ئەڭ چوڭ ياشتىكىلەردىن تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت سايلانغان ۋە سارا پېيلىن خانىم تۇنجى قېتىم ئاياللاردىن مۇئاۋىن پرېزىدېنت سايلانغان يېڭى تارىخ يارىتىلىدۇ.

باراك ئوباما ئامېرىكا خەلقىغە ئىقتىسادنى ياخشىلاشقا، كۆپ سانلىق ئادەم ئۈچۈن باجنى كەمەيتىشكە ۋەدە بەردى. باراك ئوبامانىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ، ئامېرىكىدا كىشىلەر بىزار بولغان جورج بۇش ھۆكۈمىتىدىن كېيىن چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقچى.

دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرى بويىچە مول تەجرىبىلىك جوھن مىككېيىن ئامېرىكا خەلقىغە ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان، خىزمەت پۇرسەتلىرى يارىتىدىغان سىياسەت قوللىنىپ ئامېرىكىنى توغرا يۆنىلىشكە ئەكىلىشكە ۋەدە بەردى.

ئامېرىكا قارا تەنلىكلىرىنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇ - ئارمىنى

يەرلىك تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئەگەر بۇ قېتىم باراك ئوباما پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا، ئامېرىكا تارىخىدا قارا قۇللارنى ئازاد قىلغان پرېزىدېنت ئەبرەيخەم لىنكوننىڭ 200 يىللىقىنى ۋە قارىلاردىن چىققان مەشھۇر شەخس مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ ئېرىقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى ئەڭ چوڭ خاتىرىلىگەنلىك بولىدۇ.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىدا تۇرغان قارا تەنلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 'ئەگەر ئامېرىكىدا بىر قارا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا، ئۆلسەم ئارمانىم يوق' دەۋاتىدۇ. بۇ، قارا تەنلىكلەرنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇ - ئارمىنى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى مارتىن لۇتېر كىڭ بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن مېنىڭ بىر ئارزۇ - ئارمانىم بار' دېگەن نۇتقى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن ئىدى.

ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا دۇكان ئاچقان بىر پاكىستانلىق 'مەن ئوباما غا بېلەت تاشلايمەن، ئۇ ئامېرىكىغا چەتئەللەردىن كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلەرنىڭ ئۈلگىسى' دېگەن.

قارىلار گەرچە ھازىرقى ئەھۋالدا، ئاق پرېزىدېنت يەنى مېككېيىننىڭ سايلىنىپ چىقىشىغا ئىشەنمىسىمۇ، ئەمما ئاقلار ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئوبامانىڭ نەتىجىسىنى ئوغۇرلاپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ يەنىلا دەككە - دۈككىدە. قارا تەنلىكلەردىن ھەتتا ئەگەر شۇنداق قىلسا، بىز بۇ دۆلەتكە ئوت قويۇۋېتىمىز' دېگەنلەرمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكىدا ئۈچ چوڭ ھوقۇق مۇستەقىل

خەۋەر ئارخىپلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى 50 شتاتتىن تەركىپ تاپقان. 1787‏ - يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا، ھەر قانداق شەخسى ياكى گۇرۇھنىڭ ئارتۇق ھوقۇققا ئىگە بولۇشى چەكلەنگەن. فېدېرال، شتات ۋە يەرلىكتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ھوقۇقلۇق ئورگان مۇستەقىل، ئۇنىڭ باشلىقلىرىنى خەلق بىۋاستە سايلاپ چىقىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى يەنە قانۇن تىكلەيدىغان، مەمۇرىيى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئۈچ ئورگانغا تەقسىملەنگەن. ھېچقايسىسىنىڭ باشقا بىرىنى باشقۇرىدىغان پەۋقۇلئاددە ھوقۇقى يوق.

نامزاتلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە مۇھىم مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى

باراك ئوباما دېموكرات. ئېلىنوي شىتاتىدىن سايلانغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى. جوھن مىككېيىن جۇمھۇرىيەتچى. ئارىزونا شىتاتىدىن سايلانغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ۋېيتنام ئۇرۇشىدىكى قەھرىمان.

ئىقتىسادىي مەسىلىدە: باراك ئوباما قاراتمىلىق ھالدا باج كەملىتىش ياكى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇراھال ئىقتىسادى سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭ چىقىم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ۋە ئەركىن سودنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

جوھن مىككېيىن پەرقلىق باج ئېلىشنى يوق قىلىشنى، باجنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن ئېلىشنى، ھۆكۈمەت چىقىمىنى ئازايتىشنى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى بويىچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئىراق مەسىلىسىدە: ئوباما ئەسكەر كۆپەيتمەسلىكنى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى 16 ئاي ئىچىدە چېكىندۈرۈپ ئۇرۇش ۋەزىپىسىدىن خالاس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جوھن مىككېيىن ئىراقتىكى ئەسكەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى 2003 ‏ - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن غەلىبە بىلەن چېكىندۈرۈپ بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئىران مەسىلىسىدە: ئوباما ئالدىنقى شەرت قويمىغان ھالدا ئاكتىپ دېپلوماتىيە ئارقىلىق ئىراننى سىياسەت ئۆزگەرتىشكە ئۈندەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جوھن مىككېيىن دېموكراتىيە ئىتتىپاقى قۇرۇپ ئىرانغا جازا قوللىنىش ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو دۆلىتى بولۇشىنى توسۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

سالامەتلىك سۇغۇرتىسى مەسىلىسىدە: باراك ئوباما ھەربىر ئادەم چوقۇم سالامەتلىك سۇغۇرتىسى سېتىۋالىدىغان سىياسەت قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جوھن مىككېيىن سالامەتلىك سۇغۇرتىسىنى ھەركىم ئۆزى ئىختىيارى سېتىۋېلىشنى، خەلقنىڭ كېسەل كۆرۈنۈش چىقىمىنى باجنى كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

قانۇنسىز كۆچمەن مەسىلىسىدە: ئوباما قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى خىزمەتكە ئالغان خوجايىننى جازالاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جوھن مىككېيىن چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرىدىغان رەسمىيەت ئۆتىگۈزۈش ئارقىلىق ئىشلەش ئىمكانىيىتى بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.