ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ئاخىرلىشىشقا تۆت كۈن قالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاخىرقى بېلەت تاشلاش كۈنى 11 - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى. بۇ كۈنگە يەنە تۆت كۈن قالدى. ھازىرغا قەدەر دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى باراك ئوباما ئېرىشكەن ئاۋاز سانى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن ماككېيندىن 6 توچكا يۇقىرى.

0:00 / 0:00

تارىخ ياراتقان ئوباما

ئوباما ئامېرىكىدا تۇنجى قارا تەنلىك پرېزىدېنت نامزاتى بولغانلىقى بىلەن تارىخ ياراتتى. ئۇ ئامېرىكىدىكى ھازىرقى ئىقتىسادىي كرىزىسنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئۆزىنىڭ رىقابەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرماقتا.

ئوباما بۇنىڭدىن 47 يىل ئىلگىرى ھونۇنۇلۇدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئاتىسى كېنىيىلىك قارا تەنلىك، ئانىسى كەنسازلىق ئاق تەنلىك. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى ھىندۇنېزىيىدە ئۆتكەن، ئامېرىكا كولۇمبىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. چىكاگودا مەھەللە خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. 2004 ‏ - يىلى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ داڭ چىقارغاندىن كېيىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. بۇ قېتىمقى سايلامدا يەنە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ يەنە بىر پرېزىدېنت كاندىداتى خىللارىي كىلىنتوننى يەڭدى.

گەرچە سايلام ئەھلى ئۇنىڭ ھەربىي تەجرىبىسى يوقلۇقىدىن ئەنسىرەپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئوباما ئۆزىگە ھەر تەرەپتىن توختىماي ئېقىپ كېلىۋاتقان ئىئانە بىلەن تېلېۋىزىيە - رادىئولارنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىتلىرىدا 95 سايلام نۇتقى ئېلان قىلىپ، 95% ئامېرىكىلىقتىن ئېلىنىدىغان باجنى يەڭگىللىتىشكە ۋەدە بېرىپ، سايلامدا ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىلىق ئەرەبلەر ئوبامانىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرى

ئامېرىكىدا مىشىگان، فلورىدا، ئوخايو، پەنسېلۋېنىيا، ۋېرجىنيا قاتارلىق بىر نەچچە شتاتتا ئامېرىكىلىق ئەرەبلەر بار. ئۇلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى مۇسۇلمان، قالغانلىرى خرىستىيان. ئەمما ئۇلار بىردەكلا ئامېرىكىدا دېيىلىۋاتقان ئىراق ئۇرۇشى'، ئەرەب'، 'مۇسۇلمان' دېگەن ئاتالغۇلاردىن بىزار.

ئۇلار بۇ قېتىمقى سايلامدا ئىراق ئۇرۇشى، ئىقتىسادى مەسىلە، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ۋە مائارىپ مەسىلىلىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۆزىنىڭ قولىدىكى سايلام بېلىتىنى ئوباماغا تاشلاش ئارقىلىق ئارزۇ - ھەۋەسلىرىنى ئىپادىلىمەكتە.

ئامېرىكىلىق يەھۇدىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوبامانى قوللايدۇ

ئامېرىكىدىكى بىتەرەپ يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى يېقىندا ئېلىپ بارغان راي سىناشتا مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدا سايلام ھوقۇقىغا ئىگە يەھۇدىيلارنىڭ %57 ئى ئوبامانى قوللايدۇ، %30 ئى ماككېيننى قوللايدۇ، %13 ئى تېخىچە بىر قارارغا كەلمىگەن.

ھەر ئىككى كاندىدات ئىسپانچە سۆزلەيدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

ئامېرىكىدا لاتىن ئامېرىكىسى نەسلىدىكى ئىسپانچە سۆزلەيدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نوپۇسى 40 مىليون ئەتراپىدا، ئۇلارنىڭ %9 ى سايلام ھوقۇقىغا ئىگە. ھازىر ئوباما بىلەن جوھن مىككېيىن مۇشۇ سايلىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشماقتا.

گەرچە جوھن مىككېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىگە پايدىلىق سىياسەت قوللىنىۋاتسىمۇ، ئۇلار يەنىلا 'كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكا ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كىشىگە ئاۋاز بېرىش'نى لايىق كۆرۈپ، ئوباماغا قىزغىن ئاۋاز بەرمەكتە.

ئاسىيا نەسلىدىكى ئامېرىكىلىقلارمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ

ئامېرىكىدا ئاسىيا نەسلىدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ نوپۇس سانى 15 مىليون ئەتراپىدا. ئۇلارمۇ سايلامدا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ۋېيتنام ئەھلى بولغان ئامېرىكىلىقلار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر جوھن مىككېيىننى قوللاۋاتىدۇ. خىتاي، ياپون، ھىندى ئەھلى بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوبامانى قوللاۋاتىدۇ.

ئوباما بىلەن جوھن مىككېيىن ھەر ئىككىسى سايلام ئاخىرلىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئاسىيا نەسلىدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قوللىشىغا كۆپرەك ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

جوھن مىككېيىننىڭ غەلىبە قىلىش مۇساپىسى قىيىنلاشماقتا

ئوباما ئاۋاز ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، گەرچە جوھن ماككېيننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش مۇساپىسى قىيىنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى نامزات ئوتتۇرىسىدا بەس - مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتىدۇ.

1960‏ - يىللاردا يۈز بەرگەن ۋېيتنام ئۇرۇشىدا بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، ۋېيتنام كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرمىسىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان قەھرىمان جوھن مىككېيىن سايلام نۇتقىدا تېخىمۇ كەسكىن تەلەپپۇز بىلەن 'مەن ئەڭ قەبىھ ئۇرۇشنى ۋە ئۇرۇشلاردا ئەڭ رەزىل چىرايلارنى كۆرگەن، مانا بۇ مىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن پرېزىدېنت بولۇشنى خالىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى' دېدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە باراك ئوبامانى تەنقىدلەپ 'ئوباما تاپاۋىتى يۇقۇرى كىشىلەردىن كۆپ باج ئېلىپ، ئۇنى كىرىمى تۆۋەن كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشنى پىلانلىدى، ئۇ دۆلەتنىڭ زۇۋۇلىسىغا كۆز تىكمەكتە، زۇۋۇلا چوڭ بولمىسا قانداق قىلىپ ئۇنىڭدىن كۆپ نان چىقارغىلى بولىدۇ؟' دېدى.

تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، سايلامنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە كۈتۈلمىگەن سان ئۆزگىرىشى بولۇش ئېھتىمالى يوق ئەمەس. 2000 ‏ - يىلىدىكى سايلامدا، جورج بۇش ئاخىرقى كۈنلەردە ئاۋاز ئۈستۈنلىكىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئامېرىكا تارىخىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۈچ قېتىم ئۇدا ھوقۇق تۇتىدىغان ئەھۋالمۇ بىر قېتىم يۈز بەرگەن.

ئامېرىكىنىڭ سايلام قائىدىسى بويىچە، ئامېرىكىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم پرېزىدېنت سايلىمى بولىدۇ. سايلام يىلىنىڭ بېشىدا، ئۆزىنى پرېزىدېنت بولۇشقا لايىق دەپ قارىغان كىشىلەر ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ. 8 ‏ - ئايدا ئىككى پارتىيە قۇرۇلتايلىرىنى ئېچىپ، بىردىن كىشىنى ئۆزىنىڭ نامزاتى قىلىپ بەلگىلەيدۇ.

11‏ - ئاينىڭ 4 - كۈنى سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋازغا ئاساسەن، كىمنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى جاكارلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يېڭى پرېزىدېنت ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەشكە باشلايدۇ. كېلەر يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنى سابىق پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇپ ئاق سارايدىن چىقىپ كېتىدۇ، يېڭى پرېزىدېنت قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ئاق سارايغا كىرىدۇ.