بۇ يىلقى پرېزىدېنت سايلىمىدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سايلام قىزغىنلىقى ئۆتكەن نۆۋەتتىكىدىن يۇقىرى بولدى. ئاخىرقى بېلەت تاشلاش كۈنىگە يەنە 11 كۈن قالغاندا، 50 شتاتنىڭ 34 دە سايلام ئەھلى ئاخىرقى كۈندىن بۇرۇن بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.
ھازىرغا قەدەر تاشلانغان بېلەت سانىدىن قارىغاندا ۋەزىيەت دېموكراتلار ئۈچۈن پايدىلىق
'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر دېموكراتلار پارتىيسى تەرەپدارلىرىدىن بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ سانى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە تەرەپدارلىرىدىن بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتتى. بولۇپمۇ قارا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بېلەت تاشلاش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى. بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىغا زور تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان ئوخايو، شىمالى كالىنا، ئايوۋا، نېۋادا، يېڭى مېكسىكا شىتاتلىرىدا ھازىر مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلانماقتا.
ئۆزىنى مۇستەقىل (بىتەرەپ) دەپ جاكارلىغان سايلام ئەھلىمۇ ئاخىرى بېلەت تاشلاش كۈنىدىن بۇرۇن بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. ئومۇمەن بۇ يىلقى پرېزىدېنت سايلىمىدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بېلەت تاشلاش قىزغىنلىقى بىر يېڭى رېكورت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر تاشلانغان بېلەت سانىدىن قارىغاندا ۋەزىيەت دېموكراتلار ئۈچۈن پايدىلىق.
چەتئەللىكلەرنىڭمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى
گەرچە ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ نامزاتى ئۆزىنىڭ چەتئەللەردە قوللىغۇچىلىرى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنەلىسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوبامانى قوللىغۇچىلارنىڭ گېزىت ياكى 'يۇتۇپ' ئارقىلىق ئىپادىلىگەن قىزغىنلىقى قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئىتالىيىدىكى ئۇگاندالىق پاراخوتچى ناردىن ئەپەندى 'يۇتۇپ' ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئوباماغا بېغىشلاپ تەييارلىغان ناخشىسىنى ئېيتتى ۋە 'ئوباما ئەسلى كېنىيىلىك قارا، ئۇ ئامېرىكىنى ياخشى كۆرىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ھېچبولمىغاندا ئافرىقىنى ئۇنتۇمايدۇ' دېدى.
فرانسىيىلىك لۇيس راجىئو ئەپەندى ئۆزىنىڭ ماككېيننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندە 'جورج بۇشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشتى، قورقۇنچلۇق سەككىز يىل ئاخىرلاشتى، مىككېيىن جورج بۇش ئەمەس، ئۇ قەھرىمان ھەم تەجرىبىلىك نامزات، شۇڭا مەن ماككېيننى قوللايمەن' دېدى.
ئەمما ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رۇمشۇناس پروفېسسور كىلاۋدىئو رودىشنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىنكاسلار پەقەت چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا بىۋاستە ياردىمى تەگمەيدۇ.
سايلامدا ئومۇمى بېلەت سانى ھەل قىلغۇچ ئامىل
ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ سىياسىي مۇلاھىزىچىسى فىدىر ئەپەندىنىڭ قارشىچە، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيىسى تەرەپدارلىرىنىڭ سايلام قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى، مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلىغۇچىلارمۇ كۆپ، بۇ ئوبامانىڭ سايلام تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
سايلامدا ئومۇمى بېلەت سانى ھەل قىلغۇچ ئامىل، ئەگەر بېلەتنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاشلايدىغانلار كۆپ، ئاخىرقى كۈنى بېلەت تاشلايدىغانلار ئاز بولسا، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ.
ئىككى كاندىداتنىڭ مۇنازىرىسى ھازىر يەنىلا باج كەملىتىش مەسىلىسىدە
دېموكراتلار پارتىيىىسنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىىسنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى جوھن مىككېيىن ھازىر جىددىي مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەسىلە يەنىلا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كىرىمىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كەملىتىش مەسىلىسى.
باراك ئوباما باجنى %95 ئادەمدىن كاملىتىپ ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جوھن مىككېيىن بولسا 'بىر قىسىم ئادەمدىن باجنى يۇقىرى ئېلىپ، ئۇنى باشقا پۇقرالارغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان پىلان توغرا ئەمەس' دەپ قارايدۇ. ھازىر بۇ مەسىلە بۇيىچە تېخىچە جىددىي مۇنازىرە داۋام قىلماقتا.
ئىككى پارتىيىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرى قانداق پەيدا بولغان؟
ئامېرىكىنىڭ تۈزۈمى ئىككى پارتىيە سايلام ئارقىلىق نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تۇتىدىغان تۈزۈم. پرېزىدېنت سايلىمى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ھەر قېتىمقى سايلام پائالىيىتىدە كىشىلەر ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيىنى ئۇلارنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈدۇ. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى ئىشەك. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى پىل.
ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1870 - يىلى ناست ئىسىملىك بىر جۇمھۇرىيەتچى رەسسام ئەينى ۋاقىتتىكى سايلام پائالىيىتىدە ئىككى پارتىيىنىڭ ئۆز - ئارا قىلىشقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 'ئۆلگەن يولۋاسنى تەپكەن ئىشەك' نى تەسۋىرلەيدىغان بىر ھەجۋىي رەسىم سېزىپ گېزىتتا ئېلان قىلغان. بۇ قىزىقارلىق تەنقىدكە ئاساسەن، كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى دېموكراتلار پارتىيىسى تەرەپدارلىرىنى بۇ ھەجۋىي رەسىمدىكى 'ئىشەك'كە ئوخشاتقان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى 'ئىشەك' دەپ ئاتاشقا باشلىغان. بۇ رەسسام 1874 - يىلى ئۆزىنىڭ پارتىيىسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ھەجۋىي رەسىمدىكى 'ئۆلگەن يولۋاس' ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىمۋولى 'پىل' دەپ ئىزاھات بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەر 'پىل' دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.