ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدا قۇرغان زاۋۇتلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىدى

يېقىندىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدا قۇرغان زاۋۇتلىرىنى ئاللىقاچان قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن ئامېرىكىدا باشلىدى.

0:00 / 0:00

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ نيۇيوركتىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بوستون مەسلىھەت شىركىتى (BCG) دېگەن بىر شىركەتنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدا قۇرغان زاۋۇتلىرىنى ئاللىقاچان قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن ئامېرىكىدا باشلاپ بولغان. بۇنداق زاۋۇت كۆچۈرۈش ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە «ئامېرىكىدا ئىشلەندى» پېچەتلىك ماللار دۇنيادا قايتىدىن گۈللىنىشى، خىتاي دۇنيادا «ئۆتمەس مال مەركىزى»گە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا دۇنيادا مال باھاسى ئەرزان رايونلارغا ئايلىنىۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىگە سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتتى. بۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى مۇمكىن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ «كاتېرپىللېر» شىركىتى خىتايدا قۇرغان زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەخسۇس يەر قازىدىغان، كولايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ماشىنىلارنى، بۇلتۇرلا، خىتايدىن ئىمپورت قىلمايدىغان، بەلكى باشقا دۆلەتلەرگە ئامېرىكىدىن ئېكسپورت قىلىدىغان بولدى.

ئامېرىكىنىڭ NCR شىركىتى ئاپتوماتىك مال سېتىپ پۇلىنى توغرا تاپشۇرۇۋالىدىغان ئېلېكترونلۇق كاسسا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتىنى، خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، ھازىر جورجىيا شتاتىدا قايتىدىن ئىش باشلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ۋام-ئو ئويۇنچۇق شىركىتىمۇ مېكسىكىدا ۋە خىتايدا قۇرغان زاۋۇتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتىدىن ئامېرىكىدا ئىش باشلىدى.

‏«-‏-‏- ئەگەر 2015‏- يىلىغىچە سان-سېفىرلار ھازىرقىدەك ھالەتنى ساقلاپ قالالىسا ئىدى،» ---- دەيدۇ بوستون مەسلىھەت شىركىتىنىڭ پېشقەدەم مۇدىرى خال سىركىن. ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، زاۋۇتلارنى خىتايدا داۋاملىق تۇرغۇزۇش بىر ياخشى پىلان بولاتتى، ئەمما ئۇنىڭغىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن مال بىلەن ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن مال ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ماللارنىڭ باھاسى ۋە پوچتا ھەققى ھازىرقىدىن تۆۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىشچىلار خىتايدا سائىتىگە ئاران 2 دوللار تاپسا، ئامېرىكىدا 22 دوللار تاپالايدۇ.

ئامېرىكىدىكى بوستون مەسلىھەت شىركىتىنىڭ تەتقىقاتلىرىدا تەسەۋۋۇر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا شىركەتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلات تەننەرخى كونتروللۇق ئاستىدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئۆرلەپ كېتىدىغان جايدا زاۋۇت قۇرمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن «خىتايدا ئىشلەندى» پېچەتلىك ماللار خىتاينىڭ كۆرگەزمىخانىلىرىدىلا توختاپ قېلىپ، «ئامېرىكىدا ئىشلەندى» پېچەتلىك ماللارنى خىتاي ئۆزى ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ساتىدىغان بولىدۇ. باھاسى ئەرزان ھەم سۈپەتسىز ئەمەس، بەلكى ئەرزان باھالىق ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك ئاياق، شۇنداقلا ھەرخىل كىيىملەرگە «ئامېرىكىدا ئىشلەندى» دېگەن پېچەت چاپلىنىدىغان بولىدۇ. ئۆلچەملىك ئېلېكتر بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ گە پېچەتلىك ئىشەنچلىك ھەم سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ئىشلىنىدىغان بولىدۇ.