جورج بۇش مۇنداق دەيدۇ" بىزنىڭ كورىيە سىياسىتىمىز ئارالنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش. بۈگۈن ئەتىگەن شىمالىي كورىيە يادرو ئارخىپىنى تاپشۇرۇش بىلەن بۇ غايىمىزگە قاراپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىدۇق." بۇش باياناتىدا، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو ئارخىپىنى ئاشكارىلىشىنى ئىجابىي قەدەم دەپ مەدھىيىلەش بىلەن، بۇ بىر باشلانغۇچ قەدەم دەپ ئەسكەرتتى ۋە شىمالىي كورىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى، ئۇران ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش ۋە كېڭەيتىش ئېھتىماللىقى، شۇنداقلا يەنە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق قوشنىلىرىغا قارىتا تەھدىتى ئۈستىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئالدىمىزدىكى 45 كۈن شىمالىي كورىيە ئۈچۈن نۆۋەتتە باسقان قەدىمىدىكى سەمىمىيەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ كۆرسەتتى.
شىمالىي كورىيە يادرو ئارخىپىنى پەيشەنبە كۈنى خىتايغا تاپشۇرغان. نۆۋەتتە ئارخىپ، 6 تەرەپ سۆھبىتىدىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۆزىتىلمەكتە. ئاساسلىق كۆزىتىش ئوبيېكتى ئارخىپتىكى مەلۇماتلارنىڭ تولۇق بولغان - بولمىغانلىقىدۇر. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، شىمالىي كورىيە قولىدا مەۋجۇت بولغان پلوتونىي مىقدارىنى ئارخىپتا 37 كىلوگرام دەپ كۆرسەتكەن ؛ ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پەرەزلىرى بولسا بۇ مىقدار 40 كىلوگرام بىلەن 50 كىلوگرام ئارىسىدا بولۇپ، 12 يادرو قورالىغا ماتېرىيال بولالايدۇ. ئارخىپتا 1986 - يىلىدىن كېيىنكى يادرو پروگراممىلىرى ئاشكارىلانغان. ئەمما ئۇران قوللىنىپ ياسالغان يادرو قوراللىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
بۇش ئاقسارايدا ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىدا، كورىيە ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنىڭ ئۇزۇن بىر جەريان ئىكەنلىكىنى، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ماسلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جازالارنى بىر - بىرلەپ ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، ئاساسلىق جازالارنىڭ ۋە ب د ت جازالىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالتە تەرەپ سۆھبىتى باشلانغاندىن بۇيان شىمالىي كورىيە كۆپ قېتىم تەرەپلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان. 2006 - يىلى ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقى، يادرو ئارخىپىنى ئاشكارىلاشنى 6 ئاي كېچىكتۈرۈشى مانا بۇ يېنىشلاردىن ئۆرنەكلەردۇر. شۇڭلاشقا تەرەپلەر، شىمالىي كورىيىنىڭ قەدىمىگە يەنىلا گۇمان بىلەن قارىماقتا. پرېزىدېنت جورج بۇش باياناتىدا ئەگەر شىمالىي كورىيە توغرا قەدىمىنى داۋاملاشتۇرمىسا، ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان جازالارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە جازانى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالتە دۆلەت سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بىرى، . شىمالىي كورىيىنىڭ سۈرىيە بىلەن يادرو ئالاقسىدۇر. شىمالىي كورىيە ئىزچىل ھالدا، ئۆزىنىڭ سۈرىيىگە يادرو قوراللىرى بۇيىچە ياردەم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى Stephen Hadley نىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئاشكارىلانغان يادرو ئارخىپتا، مەزكۇر مەسىلە تىلغا ئېلىنمىغان . ھادلېي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئارخىپتا، سۈرىيىگە يادرو قوراللىرى ئەسلىھەلىرى بۇيىچە ياردەم قىلغانلىقى رەت قىلىنمىغان، ئېتىراپمۇ قىلىنمىغان. دېمەك بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىشىمىزغا يول ئوچۇق.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس بۈگۈن ياپونىيىدە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئاشكارىلىغان يادرو ئارخىپىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا يەتكۈدەك دەرىجىدە ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن ۋە شىمالىي كورىيىدىن يەنە ئىلگىرىلەپ قەدەم بېسىشنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالتە دۆلەت سۆھبىتىدىكى يەنە بىر مەسىلە، شىمالىي كورىيىدىن جاۋابكارلىقى كۈتۈلۈۋاتقان ياپونلۇق تۇتقۇنلار مەسىلىسىدۇر. جورج بۇش باياناتىدىن بىر كۈن ئاۋۋال، ياپونىيە باش مىنىستىرى Yasuo Fukuda بىلەن سۆزلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ياپونلۇق تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ھەرگىز ئەستىن چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھەقتە ياپونىيە بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جورج بۇش باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، ئاخىرقى مەقسىتىمىز كورىيە ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئارالنى ئاچلىقتىن ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش دەپ ئەسكەرتكەن.