سوتتا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى بولسا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى.
ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتىنىڭ 24 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىكى سوتى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسى يېقىندا چىقارغان گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىغا نارازى بولۇپ، ئەرزىيەت سوتىغا سۇنغان ئەرزىگە ئاساسەن ئېچىلدى. فېدېرال ئەرزىيەت سوتى ئالدىنقى ھەپتە رايونلۇق فېدېرال سوتنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان ئىدى.
ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئۇربىنا 7 - ئۆكتەبىردىكى سوت قارارىدا بۇش ھۆكۈمىتىنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان ئىدى. بۈگۈنكى سوت ئۇربىنانىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىش ياكى بىكار قىلىشنى كۆرۈپ چىقاتتى. سوتتا ئامېرىكا بىڭھام ماكاچېن قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللىت ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ۋاكالىتەن ئىپادە بېرىپ، سوتچى ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئادۋوكاتى گرېگورى گاررىې بولسا بۇش ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىپادە بېرىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، رايونلۇق فېدېرال سوتنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلدى.
دۈشەنبە كۈنكى سوتتا مۇنازىرە قوزغىغان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، سوتچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى بېرىش ھوقۇقى بار - يوقلۇقى شۇنداقلا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ گۇناھسىز كىشىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بار - يوقلۇقى ئىدى.
سوتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكاتى گرېگورى گاررىې، سوتچى ئۇربىنانىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى بۇيرۇقى ئۇنىڭ ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، سوتنىڭ ئامېرىكا زېمىنى سىرتىدىكى چەتئەللىكلەرنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھوقۇقنىڭ پەقەت ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا خاس ھوقۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گرېگورى گاررىې 3 كىشىلىك سوت كوللىگىيىسىگە بەرگەن ئىپادىسىدە مۇنداق دەيدۇ": بىزنىڭ بۇ كىشىلەرنى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرغانغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقىمىز بار. بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزدا ياكى قانۇنلىرىمىزدا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشى ياكى بۇ يەرگە قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىگە ئىزاھات بېرىلمىگەن." لېكىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللېت، سوتچىلارنىڭ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى، سوتچىلار ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 6 - ئايدا چىقارغان تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىغا دائىر قارارىغا ئاساسەن قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇيالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. "ئەمەلىيەت شۇكى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارىدىغان يېرى يوقلۇقى"نى تەكىتلىگەن سەيبىن ۋىللېت، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى ھەربىي تۈرمىدە ئۇلارغا بىر پاناھ جاي تېپىلغانغا قەدەر تۇتۇپ تۇرسا بولمايدىغانلىقى، سوت كوللىگىيىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىشنى، سوتچى ئۇربىنانىڭ قارارىنى كۈچكە ئىگە، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاخبارات ساھەسىگە بايانات بېرىپ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىكى مەيدانىنى تەنقىدلىگەن سەيبىن ۋىللېت، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكرى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ" بىز بۇرۇن گۇناھسىز كىشىلەرنى 6 يىل سولاپ قويساڭلار بولمايدۇ، دەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. ئۇلار بۇ ئەرزىمىزگە گەپ تېپىپ بېرەلمەي تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، بىز ئۇلارنى "دۈشمەن جەڭچىسى" دەپ تۇتۇپ تۇرمايۋاتىمىز، دېدى. ئەمدى بولسا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلەلمەسلىكىدە كۆچمەنلىك سالاھىيىتى يوقلۇقىنى باھانە قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ۋىزىسى بولمىسا ئۇنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك توغرا. لېكىن بىر كىشىنىڭ پۇت، قولىنى كىشەن - تاقاقلار بىلەن باغلاپ ئايروپىلاندا ھەربىي تۈرمىگە ئەكىلىپ تاشلاش، ئۇنىڭ باشقا چىقىش يولى بولماسلىقى، مانا بۇلار مەسىلىنىڭ زىددىيەتلىك تەرىپىدۇر" دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن دۈشەنبە كۈنكى سوتتا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى گرېگورى گاررىې بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەيدانىنى ئاقلاپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا كىرگۈزۈش كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە ياتىدىغانلىقىنى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مەسىلە بولۇپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى سوت قارارى بىلەن ئامېرىكىغا كىرگۈزۈشنىڭ كۆچمەنلەر ۋىزا قانۇنىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. سوتچىلار بولسا بۇ توسالغۇنى يېڭىش ئۈچۈن تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنۇشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 3 كىشىلىك سوت كوللېگىيە ئەزاسى، سوتچى روجېرس خانىم مۇنداق دەيدۇ": ئۇلار بۇ دۆلەتكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىك سالاھىيىتىنى ھەل قىلىش كېرەك. لېكىن داۋاگەرلەر تېخى بۇ ئىلتىماستا بولۇپ باقمىغان."
بۇ يىل 10 - ئايدا ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى رايونلۇق فېدېرال سوتنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ فېدېرال ئەرزىيەت سوتىغا سۇنغان ئەرىزنامىسىدە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلسە" ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تەھدىت " دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. لېكىن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى گرېگورى گاررىې دۈشەنبە كۈنكى سوتتا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەرزىدىكى بۇ بايانلارنى تىلغا ئالمىدى. سوتچىلار ھۆكۈمەتنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا تەھدىت، دەپ قارايدىغان ياكى قارىمايدىغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بەرمىدى. ئامېرىكا كرىشتاين ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا تەھدىت، دېگەن بايانىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
فېدېرال ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى سوتىدا ھۆكۈم چىقىرىلمىدى. سوتنىڭ قارارى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە چىقىرىلىشى مۇمكىن. ئادۋوكاتلار ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ پەرھاد خۇزەيفا دىلوسىدىكى قارارى ئاز كەم 3 ئايدا چىقىرىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى سوتنىڭ قارارىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانغا قەدەر ئېلان قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۈگۈنكى سوت ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى ئوباما تەختكە چىقسا گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان مەزگىللەردە ئېچىلدى. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتى قانداق قارار چىقىرىشىدىن قەتئىي نەزەر مەزكۇر دېلونىڭ ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسىگە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى، سۇزان بېيكىر مەننىڭ خانىم مەزكۇر دېلونىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە بېرىش ئېھتىمالى ئۆزلىرىنىڭ پەرىزىدىكى مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەننىڭ خانىم مۇنداق دەيدۇ" : ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىنىش ئېھتىمالى پەرىزىمىزدىكى مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بىرىدۇر. لېكىن بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنە بىر جەھەتتە ئەگەر بۇ دىلو ئالىي سوت مەھكىمىسىگە بارسا ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بار، دەپ قارايمەن. ئالىي سوتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قانۇنى ھۆكۈمى بار، بۇ ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بىز يەنە بىر قەدەمدە كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇننى قىبلىنامە قىلىپ، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز."
مەزكۇر دېلونىڭ ئاخىرى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئەرزىيەت مەھكىمىسى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىنى توغرا، دەپ قاراپ، سوتچى ئۇربىنانىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىسا، ئادۋوكاتلار ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئەرزىيەت مەھكىمىسى سوتچى ئۇربىنانىڭ قارارىنى توغرا تاپسا، ئۇ ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىش ئېھتىمالى مەۋجۈت.