ئامېرىكا سوتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇس پەرھات ھۇزەيفا داۋاسى ھەققىدە ھۆكۈم ئىزاھنامىسى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى تۈنۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى پەرھات ھۇزەيفا داۋاسىنىڭ ھۆكۈم ئىزاھنامىسىنى ئېلان قىلدى. ئىزاھنامىدە، ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسىنىڭ پەرھات ھۈزەيفا ئۈستىدىن چىقارغان دۈشمەن جەڭچىسى دېگەن ھۆكۈمنى نېمىلەرگە ئاساسەن ئىنكار قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلا دۈشمىنى بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى

ئىزاھنامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەربىي سوت پەرھات ھۇزەيفانىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بولسا ۋە تالىبان ۋە ئەلقائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بولغىنى ئۈچۈن دۈشمەن جەڭچىسى دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئەرزىيەت سوتىنىڭ قارىشىچە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئۆلچەملىرى بۇيىچە، دۈشمەن جەڭچىسى بولۇش ئۈچۈن 3 شەرت ھازىرلىنىشى كېرەك. بىرىنچى، تالىبان ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا ئەزاسى بولۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇشى كېرەك. 3 ‏ - سى بولسا، ئامېرىكىغا قارىتا دۈشمەنلىك نىيىتى بولۇشى كېرەك.

پەرھات ھۇزەيفا سوراق جەريانىدا، "مېنىڭ ۋە مىللىتىمنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلا دۈشمىنى بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى،" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ بۇ سۆزىنى سوراق جەريانىدا كۆپ قېتىم تەكرارلىغان. ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى پەرھاتنىڭ بۇ سوزلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىدىمۇ ئامېرىكىغا قارشى ھەر قانداق دۈشمەنلىك ئىپادىسى يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۇنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.

پەرھات، تالىبان ۋە ئەلقائىدە دېگەن نامنى ئاڭلاپ باقمىغان

پەرھات ھۇزەيفا، سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغان چېغىدا ئافغانىستاندىكى تورابورا غارىنى كۆزلەپ يولغا چىققانلىقىنى، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي تەربىيە كۆرگەنلىكىنى، ئۆزى تەربىيە كۆرگەن ھەربىي لاگېردا قوماندان ھەسەن مەخسۇمنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى بايان قىلغان، ئەمما ئۇ تالىبان ۋە ئەلقائىدە دېگەن نامنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، ئۆزى ئەسكىرىي تەلىم ئالغان لاگېرنى ئافغان ھۆكۈمىتى ھازىرلاپ بەردى دەپ بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ھەربىي سوت كوللېگىيىسى پەرھات ھۇزەيفانىڭ قوماندان ھەسەن مەخسۇمنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئېتىراپ قىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھەربىي سوت شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تالىبان ۋە ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتنى ئاساس قىلغان. بۇ دوكلات ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغان. ئەمما بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇماتىمۇ ئېنىق ھۆكۈم خاراكتېرىدا ئەمەس، پەرەز خاراكتېرىدا بايان قىلىنغان. بۇ مەلۇماتتا ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىگەن، پەقەت " ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا" دېگەنگە ئوخشاش مۇجىمەل ئىبارىلەر قوللىنىلغان بولۇپ، ئەرزىيەت سوتى بۇ دوكلاتتا، پاكىت ئەمەس پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا، دوكلاتنى پاكىت سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارىغان.

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ش ت ئى ھ ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوبيېكتىپ ۋە تەرەپسىز دىيىشكە بولمايدۇ"

ھەربىي سوت كوللېگىيىسى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورچىلار تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقىنى، پەرھات ھۇزەيفانىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئىكەنلىكىگە پاكىت قىلغان. ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى بولسا، مەزكۇر ئىككى تىزىملىكنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى، ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىدا پاكىت يوقلۇقىنى بايان قىلغان. ئەرزىيەت سوتى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەلقائىدە ۋە تالىبان بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئۇنىڭ تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىگە ئائت تەييارلانغان ئۇچۇرلارنىڭ تەرەپسىز مەنبەلەردىن ئەمەس، پەقەت بىرلا مەنبەدىن يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەرزىيەت سوتى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇرغان تەشكىلات بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلات ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوبيېكتىپ ۋە تەرەپسىز دەپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورچى دەيدىغانغا ئاساس يوقلۇقىنى، پەرھات ھۇزەيفانى دۈشمەن جەڭچىسى ساناشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ئىزاھنامىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، مەھبۇسلارنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى، بوۋاقلارنىڭ ئانا قارنىدا تۇرۇپلا ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە پەرھات ھۇزەيفانىڭ خىتايغا قارشى جەڭچى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بولسا، تالىبانغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدا يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. ئەرزىيەت سوتى پەرھات ۋە ئەزا دەپ قارالغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكىغىلا ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ دۈشمەنلىك ئوي ۋە ھەرىكىتى بولمىغىنى ئۈچۈن، ھەربىي سوت كوللىگىيىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.