مەزكۇر سوتنىڭ ئەيىبلىگۈچىسى Luis Moreno Ocampo ئەپەندى، تۈنۈگۈن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە بۇ ھەقتە دوكلات يوللىدى ۋە ئامېرىكىنى سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىرنى تۇتۇشقا ھازىر بولۇشقا چاقىردى.
دارفۇر توقۇنۇشى پارتلاپ، دارفۇردىكى يەرلىك خەلقلەردىن 300مىڭ كىشى ئۆلۈپ، 2مىليون 500مىڭ كىشى يۇرتىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتى، بۇ ھەقتە دېلو تۇرغۇزغان. دېلو 2007 - يىلى ئاپرېلدا خۇلاسىلىنىپ، سۇدان جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئەھمەت ھارۇن قاتارلىق سۇدان ھۆكۈمىتى تەرەپدارى 6 كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.
ئەمما سۇدان ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھۆكۈمنى ئىنكار قىلىپ، جاۋابكارلارنى خەلقئارا سوتقا تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان. خىتاي، رۇسىيە ۋە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرى، خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى پايدىسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى، يەنى ھۆكۈمنىڭ رايوندىكى توقۇنۇشنى ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بولسا، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەزكۇر ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتى بۇ يىل 8 - ئايدا، سۇدان پرېزىدېنتى ئومەر ئەلبەشىرنى ئۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈش، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىش ۋە ئۇرۇش جىنايىتىنى يوشۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان ئەيىبلىگۈچىLuis Moreno Ocampo ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "مەن داۋادىن ھېچقاچان ۋاز كەچمەيمەن. ئۆمەر ئەلبەشىر ئادالەتنىڭ سوتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بەلكىم 2 ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ۋە بەلكىم 2 يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرقى قارارگاھى خەلقارا سوتتۇر. "
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى خەلقئارا ئادالەت سوتىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ ب د ت غا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ئورگاندۇر. بۇ سوت ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن شەخسلەرنى جازالاشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇپ، 1998 - يىلى تەسىس قىلىنغان. 2002 - يىلى 7 - ئايدا رەسمىي ئىجرا قىلىشقا ئۆتكەن. بۇ سوتنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا، ئىسرائىلىيە، لىۋىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا قاتارلىق يەتتە دۆلەت قارشى تۇرغان. ئەمما ئامېرىكا، مەزكۇر سوت قۇرۇلغاندىن كېيىن ھۆكۈملىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ سوتنىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى ھۆكۈملىرىنى قەتئىي مەيداندا قوللىماقتا.
بۈگۈن سۇدان ھۆكۈمىتى مەزكۇر سوتنىڭ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: " بۇ، غەرب دۇنياسىنىڭ ئافرىقىنى قايتا ئىشغال قىلىش سۈيقەستى،" دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لىئۇ جيەنچاۋ بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا مۆتىدىل بىر توندا جاۋاپ بەرگەن يەنى، " بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىسىنى مۇرەسسە ۋە مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز" دېگەن.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ دارفۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ھۆكۈملىرى دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشسە، دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا.