ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەن بۇندىن بۇرۇنمۇ ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتلەر پات - پات مەيدانغا كېلىپ تۇرىدىغان بىر دۆلەت بولۇپ، بۇندىن ئون يىل بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيىسگە مەنسۇپ بىر جەڭ پاراخوتى يەمەننىڭ ئادەن پورتىدا بومباردىمان قىلىنىپ نەتىجىدە 17 كىشى ئۆلگەن ئىدى. شۇندىن بېرى يەمەن، تېررور مۇتەخەسىسلىرى تەھدىت دەپ قاراۋاتقان بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق ئايروپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنىڭ يەمەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى بىلەن يەمەندىكى تېررور مەسىلىسى قايتا كۈن تەرتىپكە كەلدى.
ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يەمەندىكى ئەلچىلىكلىرى تاقالغان ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۈگۈن يەمەندىكى ئەلچىلىكلىرىنى قايتا ئاچقانلىقىنى، ئەمما باشقا كىشىلەرنىڭ كىرىشىگە تېخى رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەمەن مەيلى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى جەھەتتىن بولسۇن ۋە مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىز بولۇشىدەك ئەھۋاللار تۈپەيلى بولسۇن، رادىكال گۇرۇپپىلار تېزلا سىڭىپ كىرەلەيدىغان بىر رايون. يەمەن ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن جەنۇبتا ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇپپىلار بىلەن مۇجادىلە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرىسىغا يېقىن جايلارغا جايلاشقان قوراللىق شىئە تەشكىلاتلىرى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. شۇڭا يەمەننىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ 4 تىن 3 قىسمى نېفىت سودىسىدىن كىرسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى توقۇنۇشلار ۋە دۆلەتنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشمۇ بارغانسېرى ئازلاپ بارماقتا. خەلق نامرات ۋە ساۋاتسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەمەن نوپۇس ناھايىتى تېز ئېشىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، مانا بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ بۇ يەردە تىز سۈرئەت بىلەن كۆكلىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.
يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن "تېررورچىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز چۇقۇم ئۇنى يېلتىزىدىن يوقىتىشىمىز كېرەك،" دەپ ئۆزىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھازىر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرمۇ يەمەننىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەمەنگە قانداق ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ۋە ئەلقائىدەنىڭ بۇ دۆلەتنى تېررور ھەرىكەتلىرىنىڭ بازىسى قىلىشقا ئۇرۇنۇشى پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : "يەمەندىكى ۋەزىيەت رايوننىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ خەپسىزلىكى ئۈچۈن جىددىي تەھدىت پەيدا قىلماقتا. بىز بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتىمىز. بۇنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. شۇنداقتىمۇ بۇنى چوقۇم ھەل قىلىشىمىز كېرەك" دېدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامۇ بۈگۈن ئاقسارايدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىستىقپارات تەشكىلاتى CIA نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، يەمەننىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۆرۈشىگە قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيىدە، يەمەننىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر يىغىن چاقىرىلىدىكەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جون برېنان ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ يەمەندە بىر قانچە يۈز ئەزاسىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇلار يارىتىۋاتقان تەھدىتنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: "پاكىستان، ئافغانىستان، يەمەن ... مەيلى قەيەردە بولسا بولسۇن ئەلقائىدىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىرادىمىز قەتئىي" دېگەن.
ھازىر ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكىنىڭ يەمەننىڭ تېررور مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى تالاش - تارتىش قىلىنماقتا. يەمەن ئامېرىكىنىڭ تېررورغا قارشى فرونتى بوپ قالامدۇ، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە يەمەننىڭ تېررور مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۈشى كېرەكمۇ ياكى كېرەك ئەمەسمۇ دېگەندەك سوئاللار قويۇلۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە "ئامېرىكا ئۇرۇش قىلىپ نېمە پايدا ئېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا قىلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كىم ئېلىۋاتىدۇ" دېگەن مەسىلىلەردىمۇ مۇنازىلەر مەيدانغا كەلمەكتە.
بەزى گېزىتلەر ئەلۋەتتە دۇنيا تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەلقائىدەگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ قىسقارتىلما ئىسمى IHT بولغان "خەلقئارا خەۋەرچىلىك مۇنبىرى" گېزىتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورغا قارشى ئۇرۇشىغا دائىر ئانالىز ماقالىسى ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ.
ماقالىدە، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشلىرىغا "ئامېرىكا ئەلقائىدە ۋە تالىبانغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندا، خىتاي بىر پاي ئوقمۇ ئاتماي تۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ" دەپ باھا بېرىلگەن.
ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: "ئامېرىكا ئەلقائىدە بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن، دەپ مىلياردلارچە دوللار چىقىم قىلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي بولسا بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ خام ئەشياغا بولغان ئېھتىياجىنى غەملىۋالدى. دۇنيانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن قالغاندا، ئۇنىڭ ناھايىتى تېز زورىيىۋاتقان رەقىبى بولسا تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي پەقەت ئافغانىستاندىلا ئەمەس، ئىران، ئىراقتىمۇ ئوخشاش تىجارىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافغانىستاندىكى خىتاينىڭ مىس كانلىرىنىڭ ئامانلىقىنى، يەنە شۇ ئامېرىكا پۇل خەجلەپ تەربىيىلىگەن ئافغان بىخەتەرلىك كۈچلىرى قوغدايدۇ، يەنى مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئامېرىكا ۋاستىلىق ھالدا خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتىدۇ."
ماقالىدە دىيىلىشىچە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا - كافكازىيە مۇتەخەسسىسى فېرەدرىك ستارمۇ بۇنىڭغا باھا بېرىپ "ئېغىر ئىشلارنى بىز قىلىۋاتىمىز، ئۇنىڭ مىۋىسىنى خىتايلار كۆرۈۋاتىدۇ،" دەپ باھا بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.