ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارالىق دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندى-جەمئىيىتى 31-دېكابىر كۈنى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2012-يىلىنى ئۇزىتىپ، يېڭى 2013-يىلىنى كۈتۈۋالدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ناخشا -مۇزىكىلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ۋىرگىنىيە، ماريلاند شتاتلىرى ھەمدە نيۇ-يورك، نېۋجېرسىي ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن چوڭ -كىچىك بولۇپ 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى.

مىلادىيە 2012-يىلىنى ئۇزىتىپ، 2013-يىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى شۇنىڭدەك كۆپچىلىكنىڭ يېڭى 2013- يىلىدا كۆزلىگەن مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تەنلىرىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلىدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ مۇراسىمغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن دىدارلىشىپ، يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى.

مىلادىيە 2013-يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. ھەۋەسكار ناخشىچى جۇنەيدىن سالاھىدىن ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق « ئۇيغۇر قىزى» ناملىق ناخشىسى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى ھاياجانلاندۇردى. ياش تالانتلىق ئۇسسۇلچىلار ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن مىللىي ئۇسۇللىرىنى ئىشتىراكچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. بولۇپمۇ، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرلىكتە ئوينىغان شوخ ئۇسۇللىرى ھەممىنى سۆيۈندۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ قېتىمقى يېڭى يىل پائالىيىتىنىڭ ئۆتكەن قېتىمقىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، يەنى ياشلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىدارە ھەيئىتىنىڭ خېلى ۋاقىت تەييارلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 2013-يىلى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، يەنى، غۇلجا، بارىن، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ، قۇربانلارنى ئەسلەش پائالىيەتلىرىنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك يەنە 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ياش ئەۋلادلارغا قارىتىلغان ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈش -تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ھەم دىنىي كىملىكىنى كۈچەيتىش تەربىيىلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭ لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرى يېقىملىق ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، كىشىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلىدى.