ئامېرىكا كونسۇللىرى د ئۇ ق باش شىتابىنى زىيارەت قىلدى

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مىيۇنخىندىكى كونسۇلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش شىتابىنى زىيارەت قىلىپ، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009-05-28
Share

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ئامېرىكا كونسۇلىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلمىغا ئائىت مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. ئامېرىكا كونسۇلى بولسا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

بىز بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ باش كاتىبى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت