بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ئامېرىكا كونسۇلىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلمىغا ئائىت مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. ئامېرىكا كونسۇلى بولسا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
بىز بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ باش كاتىبى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.