ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر تارماق كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىر ۋە قاراشلىرىنى ئالغان.
5 - ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا تالاش - تارتىشتىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇنىڭدىن 6 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىش ۋەقەسى ئۈستىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى يىغىننى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى قارمىقىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلل دېلېيخۇنت ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۇتقۇنلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىلل دېلېيخۇنت پەيشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ گۈەنتاناموغا كېلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويغانلىقىنى ئېنىقلاشتۇر دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ئىسپات بېرىش يىغىنىدا "بىز دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كوممۇنىستىك خىتايغا ئوخشاش ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ قول ئاستىدىكى تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويغانلىقىنى ئاشكارىلايمىز. مەن بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر سايىسىدە ئەھمىيەت قازانغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچىمەن. خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ قەبىھلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە جازالىنىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى دەپ كۆرسەتتى."
ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم موران بولسا، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جىم موران مۇنداق دەيدۇ": مەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشنى خالايمەن. بىز ئۇلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى خەتەر ئاستىدا قالدۇردۇق. بىز يېقىندا 200 دەك ئۇيغۇرنىڭ خىتاي كومۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى خەتەرگە تىقىپ قويغانلىقىمىزنى ھېس قىلىۋاتىمىز."
بۇش ھۆكۈمىتى ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ گۇەنتانامونى زىيارەت قىلىپ، لاگىردىكى بەزى تۇتقۇنلار بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان، لېكىن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويغان ئىدى.
پەيشەنبە كۈنكى يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۇتقۇنلار ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى ئاللان لىئوتتا ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇنلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىدى. ئۇ "دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىدىكى بارلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسانى مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۇتقۇندىكى مەھبۇسلار بىلەن ئۇچرىشىشنى چەكلىك دائىرىدە كونترول قىلىش دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىزچىل سىياسىتىدۇر،" دەيدۇ.
جەي ئاللان لىئوتتا يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ كەسكىن سوئال - سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن. لېكىن ئۇ، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنى نېمە ئۈچۈن گۈەنتاناموغا كىرگۈزگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا نېمە ئۈچۈن يول قويغانلىقى ھەققىدىكى سوئالللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ "مەخپىيەتلىك" كە كىرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ئاللان لىئوتتانىڭ جاۋابى بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى. دىموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم موران ئاللان لىئوتتانىڭ جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، غەزەپ بىلەن "ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى سوراق قىلغاندا، ئۇلارغا ئادۋوكات قوشۇپ بېرىلگەنمۇ - يوق"، دەپ سورىدى. ئاللان لىئوتتا بولسا، بۇنىڭغا دائىر تەپسىلاتلار بىلەن تەمىن ئېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جىم موران بولسا، ئەگەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنى بۇنىڭغا دائىر تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلىمىسە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ خىراجەتلىرىنى كېسىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
يىغىندا ئامېرىكا بىنخام مىكاچىن قانۇن شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى جەيسون پىننېي بىر كوممۇنىستىك دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئامېرىكا تۇتقۇنلار لاگىرىغا تەكلىپ قىلىپ، مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشنىڭ، ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ":سوراققا ئامېرىكا تەرەپتىن ھېچقانداق ۋاكالەتچى قاتناشمىغان. دۆلىتىمىز تارىخىدا بىر كوممۇنىستىك دۆلەتنىڭ سوراققا تەكلىپ قىلىنىپ، ھېچقانداق نازارەتچى بولمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويۇشىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدىم."
ئۇ يەنە "بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ئۇلارنىڭ ئارخىپىنى خىتايلارغا بەرمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەنلىكىگە قارىماي، خىتاي سوراقچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپىنىڭ كوپىيىسىنى جۈملىدىن تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى بەرگەن. ئۇلارنى سوراقخانىدا خىتايلار بىلەن يالغۇز قالدۇرغان" دەپ كۆرسەتتى.
پەيشەنبە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تارمىقىدىكى مەزكۇر ئورگاننىڭ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 3 - قېتىم يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېلېيخۇنت 6 - ئايدا بېرمۇدانى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.