ئامېرىكا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ، بۇ بىر يىلدا خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىىستلىرى ۋە ھۆكۈمەت تىزىمىغا ئېلىنمىغان خىتاي خرىستىئان گۇرۇھلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچراپ، ئۆكتىچى دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىگە سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر مەزمۇنلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ئەكس ئېتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى دۇنيادىكى 125 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە دائىر 2010 ‏ - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى خىتاي بولۇپ، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى بۇ يىلمۇ يەنە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. دوكلاتتا خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ "نورمال دىنىي پائالىيىتى" قوغدىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تىزىملىكىدىكى "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي جەمئىيەتلەر"نىڭ پائالىيىتىگە چەكلىك دائىرىدە يول قويۇلغاندىن سىرت فالۇنگۇڭ، پروتېستانت ياكى كاتولىك ئائىلە چېركاۋلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن دىنىي زىيانكەشلىك كۈچىيىپ، دىنىي كىتاب ۋە دىنىي كىيىم - كېچەكلەرنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر"نى باستۇرۇش جىددىيلەشكەنلىكىنى، تىبەت ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدىكى تىبەت رايونلىرىدا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش داۋاملىق ئېغىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تۇنجى قېتىم 1999‏ - يىلى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. خىتاي ئاخىرقى قېتىم بۇ تىزىملىككە، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2010 ‏ - يىلى ئېلان قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان ۋاقتى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنىڭ 2‏ - كۈنىگە توغرا كەلگەن ئىدى. دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، "ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىقلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىگە چەكلىمە قويۇشنى بىكار قىلىشقا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى، دىنىي چەكلىمە تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى" تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم، مىنىستىرلىقنىڭ چارشەنبە كۈنى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەركىنلىك كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر، دەپ كۆرسەتتى. كلىنتون خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دىنىي ئەركىنلىك كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسلىرىدىن بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە جەمئىيەت تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. ئۇ، دىنىي ئەركىنلىك كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا خىتابنامىسى، پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر خەلقئارا ئەھدىنامىسى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا قوغدىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "چۈنكى بىز دىنىي ئەركىنلىككە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىنىمىز ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدا چىڭ تۇرىمىزكى بىز ھەر قانداق جايدىكى ھەر قانداق خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مۇداخىلىسىز ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز. لېكىن نۇرغۇن يەرلەردە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر بىزنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. دىنىي ئەركىنلىك خەلقىنى ئېزىدىغان ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەھدىتى ۋە دىنىي زوراۋان ئەسەبىي گۇرۇھلارنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ خىتاينىڭ دىنىي گۇرۇھلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىز ھۆكۈمەتنىڭ تىبەتلىك بۇددىستلار، ئائىلە چېركاۋلىرىغا ئەزا خرىستىئانلار ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر خىتايدىن كەلگەن مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇۋالدۇق" دەيدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2005‏ - يىلى ئاتا - ئانىلارنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەلىم بېرىشىگە يول قويۇلىدىغانلىقىنى، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بالىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشى چەكلەنگەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ بالىلارنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن نىزامىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇشى چەكلەنگەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭغا قارىماي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا بالىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2001‏ - يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11"‏ - سېنتەبىر ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، بىر قاتار يەرلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك دىنىي پائالىيەت دائىرىسىنى تارايتقان ۋە نىشانىنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم بېرىشنى چەكلەشكە قاراتقان ئىدى. خىتاي چىقارغان بۇ ھەقتىكى يەرلىك بەلگىلىمىلىرىدە "ئاياللار، بالىلار، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار، پارتىيىلىكلەر ۋە خىزمەتچلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ئىبادەت قىلىشى" چەكلەنگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا بولسا "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتالمىش 'بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق' ئەندىشىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا باستۇرۇش خاراكتېرلىك چەكلىمىلەرنى يۈزگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى مايك پوزنېر، چارشەنبە كۈنى مىنىستىرلىق بىناسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، خىتايدا دىنىي گۇرۇھلارنىڭ داۋاملىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، "خىتايدا كلىنتون خانىم ئېيتقاندەك، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى، تىبەتتىكى بۇددىستلار ۋە ئائىلە خرىستىئان چېركاۋلىرىغا قارىتىلغان دىنىي ئەركىنلىككە دائىر باشقا چەكلىمىلەرنىڭ داۋام قىلغانلىقىغا شاھىد بولغانلىقى"نى بىلدۈردى. مايك پوزنېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل خىتايدىن سىرت يەنە بېرما، ئېرىترىيە، شىمالىي كورىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىشتىكى دىپلوماتىك ۋاستە ئورنىدا قوللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىي ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسى دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت ھېسابلاۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئاجىزلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتى ۋە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئارتىست قوبۇل قىلىش ئېلانىدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ دىنغا ئىشەنمەيدىغان، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشمايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11"‏ - سېنتەبىر ۋەقەسى"دىن كېيىن، بولۇپمۇ 2007‏ - يىلى نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، ھەج ۋىزىسى تەلەپ قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى داۋاملىق مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىشىنى ئىمكانسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلغان ۋە ياكى ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەزى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت ۋە دىنىي پائالىيەت سەۋەبلىك تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقى تەنقىدلەنگەن. دوكلاتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدە زۇلپىيە ئىسىملىك ئۇيغۇر قىز ۋە ئۇنىڭ 3 نەپەر تۇغقىنىنىڭ شۇنداقلا يەنە شۇ ناھىيىدىكى سېتىۋالدى ھاشىم ئىسىملىك ئۇيغۇر بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ھەلىمە ۋە باشقا 3 نەپەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ مەھەللىدىكى ئاياللارغا دىنىي دەرس بېرىش، دىنىي كىتاب ئوقۇش، دىنىي پاسۇندا كىيىنىش، رۇخسەتسىز دىنىي تەبلىخ قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر دىنىي ۋە مىللىي ھەر ئىككى تەرەپتىن كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ زىددىيىتى داۋاملىق ئۆتكۈرلەشكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.