ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى رامىزاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكتە

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار سەككىز مىليوندىن ئاشىدۇ. ئامېرىكىغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرگە ئوخشاشلا دېمۇكىراتىيە ھەمدە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان ھالدا، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بۇيىچە ياشىماقتا.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا يەرلىك ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار سەككىز مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدا قۇرۇلغان مەسچىتلەرنىڭ سانى ھازىر 843 كە يەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 165 ئىسلام مەكتەپلىرى، 426 مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى ھەمدە 89 خىلدىكى ئىسلام نەشر بويۇملىرى، ئۇچۇر ۋاستىلىرى بار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېتىقاد ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە كەڭ شارائىتلار يارىتىلغان.

يەتتە قىتئە، نەچچە يۈز دۆلەتتىن كەلگەن، تۆت خىل ئىرق، نەچچە يۈزلىگەن مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئامېرىكا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىغا ئوخشىمايدىغان بىر رەڭدار جەمئىيەت، شۇڭا ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى مىللىي ياكى ئىرق ئايرىمىچىلىقتىن خالى ھالدا ئىنتايىن ئۆم بىر جامائەت بولۇپ تەشكىللەنگەن.

جۈملىدىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش بۇ خىل دىنىي ئەركىنلىك ھەم قولاي شارائىتلىرىدىن بەھرىمان ھالدا ياشاپ كەلمەكتە.

رامىزان ئېيى باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئالاھىدە جانلاندى. نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى بارلىق مەسچىتلەردە، ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ھەر كۈنى تراۋى نامازلىرى، تەبلىخ، ئىپتار پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش رامىزانلىق ئالاھىدە پائالىيەتلەر داۋام ئەتمەكتە. بىز ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندىكى ئېتىقاد ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يىگىرمە پىرسەنتتىن كۆپرەكى ياشاۋاتقان كالىفورنىيە شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر، تاكسى شوپۇرى ئەركىن ھاجىمنى زىيارەت قىلدۇق.

نيۇيورك شەھىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋات شەھەر بولۇپ، نوپۇسى يىگىرمە تۆت مىليونغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئارىسىدا مۇسۇلمانلار نوپۇسى سەككىز يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك شەھەرنىڭ جىددىي ھايات قاينىمىدىمۇ ئۇيغۇرلار بار. بىز تۈركىيىدىن نيۇيوركقا كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر تىجارەتچى ئىمىنجاننى زىيارەت قىلدۇق.

پايتەخت ۋاشىنگتون ھەم ئۇنىڭ قوشنىسى ۋىرجىنىيە شىتاتى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق ھاياتى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يەرلەشكىنىگە ئون يىللار بولغان غەيرەت سىدىق ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.