ئامېرىكىدا قوللىنىلىۋاتقان تېررورچىلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى دۇنياغا كېڭىيىۋاتىدۇ

ئامېرىكىدا 2010 ‏- يىلى ، ئايرۇپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشىش بىلەن باشلاندى. س ن ن نىڭ بايان قىلىشىچە، نېگىرىيىلىك بىر ئەر ‏-‏-‏- 23 ياشلىق ئۇمار فارۇق ئابدۇلمۇتاللاپ 2009‏- يىلى 25‏- دېكابىر كۈنى، ئامېرىكىدا كرىستىمىس بايرىمى كۈنى ئايرۇپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇندى.

0:00 / 0:00

ئۇمار فارۇق ئابدۇلمۇتاللاپ، نېگىرىيىدىن ئايرۇپىلانغا چىقىپOpens in new window ]

، ئامۇستېردامدا ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال ھاۋا قاتنىشى شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانىغا ئالماشتى. ئايرۇپىلان ئامېرىكىنىڭ دېتروي ئايرودرومىغا قونۇشقا يېرىم سائەت قالغاندا، ئۇ ئىچ تامبىلىغا قاچىلىغانPETN بەلگىلىك ئۆتكۈر پارتلىغۇچ دورىسىغا ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈۋاتقاندا، ئىس چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يولۇچىلار ئۆزى كۆيۈپ يارىلانغان بۇ جىنايەت گۇماندارىنى دەرھال قورشىۋالدى. ئايرۇپىلان خىزمەتچىلىرى يېنىۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئايرۇپىلاندىكى 278 نەپەر يۇلۇچىنىڭ ھاياتى يۈز بەرگۈسى ئايرۇپىلان قازاسىدىن ساقلاپ قېلىندى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۇنۇنۇلۇ ئاراللىرىدا دەم ئېلىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئومابا، بۇ ۋەقەنى دەرھال تەكشۆرۆپ ئېنىقلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

نېگىرىيىلىك ئابدۇلمۇتاللاپ ئايرۇپىلان پارتلىتىشنى ئەل قائىدىچىلەرنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن قىلغان

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، جىنايەت گۇماندارى نېگىرىيىلىك ئەر ساقچىلار سوراق قىلغاندا، بۇ ئىشنى ئەل قائىدىچىلەرنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

ئوباما 'بۇ ۋەقەنىڭ كەينىدىكى قارا قول ‏-‏-‏- ئەل قائىدىچىلەر' دەپ جاكارلىدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يېڭى يىل نۇتقىدا، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن نېگىرىيىلىك بىر ئەرنىڭ ئايرۇپىلان پارتلىتىشقا ئورۇنۇش ۋەقەسى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا 11‏ - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن بېرىلگەن يەنە بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى، بۇ ۋەقەنىڭ كەينىدىكى قارا قول --- ئەل قائىدىچىلەر، دەپ جاكارلىدى.

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيىلەر بۈگۈن يەمەندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە بۈگۈن يەنە يەمەندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى. فرانسىيىمۇ بۈگۈن يەمەندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا CBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاقسارايدا 'بۇ، ئەمدى يەمەننىڭ تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ يېڭى سېپى بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئوبامانىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئۇلارغا 'يەمەن خېلىدىن بۇيان دۇنيا جىددىي كۆزۈتۈۋاتقان رايون ئىدى' دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ھازىر يەمەننىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى تەربىيىلەشكە باشلىدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ھازىر مەبلەغ ئاجرىتىپ، يەمەننىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرىنى تەربىيىلەشكە باشلىدى.

يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن 'تېررورچىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى' دەپ جاكارلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن، تېررورچىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز چۇقۇم ئۇنى يېلتىزىدىن يوقىتىشىمىز كېرەك، خۇددى فرانسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى شىراك ئېيتقاندەك، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك، دەپ جاكارلىدى.

يەمەندىكى قوراللىق شىئەچىلەر ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلىرى يەمەن چېگرىسىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى، دەپ جاكارلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، يەمەندىكى قوراللىق شىئەچىلەر بۈگۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلىرى يەمەن - سەئۇدى چېگرىسىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ 16 پۇقرانى ئۆلتۈردى، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن 10 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىدى، دەپ جاكارلىدى.

ئامېرىكا ھازىر يەمەن قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كېلىدىغان يولۇچىلارغا قارىتا، پۈتۈن بەدىنىنىڭ شەكلىنى چۈشۈرۈپ تەكشۈرۈش تەدبىرىنى قوللانماقتا

س ن ن نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا قاتناش بىخەتەرلىكى ئىدارىسى تۈنۈگۈن، ئامېرىكىغا كېلىدىغان يولۇچىلار بۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىنىڭ شەكلىنى چۈشۈرۈپ تەكشۈرىدىغان ئىلغار ئەسۋاپلار بىلەن تەكشۈرۈلىدىغانلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ تەدبىر بۈگۈندىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئايرودروملاردا قوللىنىلىشقا باشلىدى. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئايرودروملىرىمۇ ھازىر، بۇنداق ئىلغار ئەسۋاپلارنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلماقتا.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا تۈنۈگۈن نېگىرىيە، يەمەن، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئافغانىستان، ئالجىرىيە، ئىراق، لىۋان، لىۋىيە، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئامېرىكىغا كېلىدىغان يولۇچىلارنى، چېگىرىدا پۈتۈن بەدىنىنىڭ شەكلىنى چۈشۈرۈپ، يۈك-تاقلىرىنى ئاختۇرۇپ تەپسىلىي تەكشۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. كۇبا، ئىران، سودان، سۈرىيىلەرنى 'تېررورچىلارنى تەمىنلەۋاتقان دۆلەت ' تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

خىتايمۇ 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نېزام تۈزدى

خىتايمۇ ھازىر 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتېيى ئارقىلىق ھەرخىل نامدىكى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا، يەنى 2009‏ - يىل 12 ‏- ئاينىڭ 29‏- كۈنى ماقۇللانغان "ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش نېزامى"دا، خىتاينىڭ دۆلەت پۇقرالىرى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۆرەش قىلىپ ئۆلسە، ئۇنىڭغا 'ئىنقىلابىي قۇربان' ئۇنۋانى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى نەپىقىگە ئىگە بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۆرەش قىلىپ ئىش ۋاقتىغا دەخل يەتكەن بولسا، ئىشلىگەن، دەپ ھېسابلىنىپ ئىش ھەققى بېرىلىدۇ؛ يارىلانغان بولسا، ھەر قانداق داۋالاش ئورگىنى ئۇلارنى شەرتسىز داۋالايدۇ، ئۇنىڭ چىقىمىنى، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى سادىر قىلغۇچىدىن تۈلىتىپ ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.