مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ "شىنجاڭ" سىياسىتىنى مۇھاكىمە قىلدى

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئايدا "شىنجاڭ" خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خىتاينىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھالىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ دىگەن مەسىلە، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلار دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭمۇ دىققەت قىلىدىغان مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى يېقىندا چاقىرغان يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى مەخسۇس بۇ مەسىلىگە بېغىشلانغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.07.21
amerika-uyghur-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯘﻣﯘﻻﻕ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
RFA Photo

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 19 - چىسلا يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ يېڭى يولغا قويغان "شىنجاڭ" تەرەققىيات پىلانىغا دائىر پىكرىنى ئالغان. مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلار "خىتاينىڭ يىراق غەربىي: نامايىش ۋە ئىسياندىن بىر يىل كېيىنكى شىنجاڭ ۋەزىيىتى" دېگەن تېمىدىكى يىغىندا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن شىنجاڭدا دەبدەبىلىك يېڭى ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇتەخەسىسسىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى يۇرتلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرسىمۇ، لېكىن بۇ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا كۆچۈشىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي "شىنجاڭ"نىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى خىتايلارنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

يىغىندا، ئامېرىكا مەيئامى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ دوتسېنتى ستانلېي ترۇپس بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە نوپۇسنىڭ 80 - 90 پىرسەنتىنى خىتايلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى، قەشقەرگە تۈمۈر يول ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن يىپەك يولىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەرگە كۆچىدىغان خىتايلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ستەنلىي ترۇپس" شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ يېڭى پىلانى بۇ رايونغا يالغۇز مەبلەغ ئېلىپ كىرمەسلىكى مۇمكىن. مەبلەغ بىلەن بىرگە يەنە، شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى مەلىكىلىك ئىشچىلار ۋە تۈرلۇك كەسپىي خادىملار بۇ رايونغا كېلىشى مۇمكىن. بۇ خەنزۇلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ نوپۇسىدىكى نىسبىتىنى ئارتتۇرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. ستانلېي ترۇپسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ "شىنجاڭ" تەرەققىيات پىلانىدا شىنجاڭدىكى يەرلىك جايلار بىلەن شەرقتىكى ئۆلكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا كۆچۈشىنى تېزلىتىدۇ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

ئۇ، يېڭى تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەر قايسى يۇرتلار شەرقتىكى ئۆلكە - شەھەرلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ كەسپىي ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەرەققىيات پىلانىنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان جەنۇبتىكى يۇرتلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەسىلەن، بېيجىڭ خوتەنگە مەسئۇل بولىدۇ ياكى ياردەم بېرىدۇ. شېنجىن بولسا قەشقەرگە ياردەم بېرىدۇ. دېمەك دېڭىز بويىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر شىنجاڭدىكى ئوخشىمىغان شەھەر ۋە ۋىلايەتلەرگە باغلانغان. شۇ نەرسە كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، بۇ يەردىكى ئاساسى دىققەت جەنۇبتىكى رايونلارغا قارىتىلغان بولۇپ، جەنۇبنىڭ ئىقتىسادىنى ئالغا سۈرۈشتۇر".

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى شېرلىي كان، ستانلېي ترۇپسنىڭ "شىنجاڭ" ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانى ۋە قاتناشنىڭ تەرەققىياتى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا دائىر پىكىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانى خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارغىلا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئۇ "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش سىياسىتىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا نوقۇل دۆلەت تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنى بەھرىمان قىلىش، بولۇپمۇ خەنزۇلارنى بەھرىمان قىلىش ئالامىتى مەۋجۈت" دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى سوفىيا رىچارسون خانىم يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ "شىنجاڭ سىياسىتىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىش پەقەتلا مەسىلىنىڭ "ئىجتىمائىي - ئىقتىسادى يىلتىزى"بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ سىياسى تەرىپىگە چېتىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى يەنە رەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رېچاردسون خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆز يۇرتىنىڭ كېلەچەك تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتىن چەكلەنمەكتە. ئۇ "ئاپتونومىيە ھەققىدىكى بەس - مۇنازىرىلەر سىياسى لىكسىيەلەرنىڭ سىرتىدا قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە، جۈملىدىن كەمسىتىشكە ئۇچراش، خەنزۇ كۆچمەنلەر شۇنداقلا تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي باستۇرۇشقا دائىر تېخىمۇ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى مەسىلىلەردە ھېچقانداق بەس - مۇنازىرە قانات يايدۇرۇلغان ئەمەس" دەيدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات ئورنىدىكى شېرلىي كان بولسا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ" 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلىدە ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئۇلار ئۆتكەن يىلدىن بۇ يىل ئاپرىلغىچە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا 5 مىڭ كىشىلىك ئالاھىدە ساقچى قىسىمى يۆتكەپ كەلدى. شۇنداقلا يەنە بۇ يىل 2 - ئايدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن 5 مىڭ كىشىلىك ئالاھىدە ساقچى قىسىمى قوبۇل قىلدى. 3 - ئايدا قوراللىق ساقچى قىسىمى يەنە شىنجاڭغا تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان يېڭى ھەرىكەت ئەترىتى سەپلەپ بېرىپ، بۇ ئەترەتنى شىنجاڭدىكى "مۇشت" دەپ تەرىپلىگەن." شېرلىي كاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بۇ خىل ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ كۈچلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرسە چېكىدىن ئاشقان ۋاستىلەرنى قوللىنىدىغاندەك قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسون خانىم، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېركسېن خىزمەت بىناسىدىكى مەزكۇر يىغىندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرلىنىپ "ئىز - دېرەكسىز" يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنىڭ سانىنى ھېچقاچان ئېلان قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. رېچاردسون خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز يۇرتىدا يەكلىنىش تەسىراتىنى بارغانسىرى ئۇلغايتقان".

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.