ئامېرىكا تەرەپ تۈنۈگۈن چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. ھازىر ئامېرىكا-خىتاي بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىدىغان بەزى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ مۇشۇ بىر،ئىككى كۈن ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
شەندۇڭدا نەزەربەند ئاستىدىكى خىتاي ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىشى، 1989--يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن فاڭ لىجى-لۇ شۇشيەن ئەر-ئاياللارنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىش ۋەقەسىدىن بۇيان يۈز بەرگەن، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق زور دىپلوماتىك كرىزىس.
بىراق، چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالغان بۇ پەيت، دەل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم ۋە مالىيە مىنىستىرى گايتنېر بېيجىڭغا بېرىپ، 3-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ئىقتىساد دىئالوگىغا قاتناشماقچى بولۇپ تۇرغان ناھايىتى سەزگۈر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تېررورلۇق ئىشلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى جون بېرېنەن، چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا-خىتاي ھەر ئىككى تەرەپ چېن گۇاڭچېڭنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىق تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ۋەقەگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ۋەقەنىڭ پرېزىدېنت ئوبامانى مۈشكۈل ئەھۋالغا قويغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ھەم چېن گۇاڭچېڭنى قوغداپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ھەم خىتاي بىلەن دىپلوماتىك كرىزىس يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن.
بىراق چەتئەلدىكى بەزى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيلار چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد-ئىستراتېگىيە دىئالوگىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ قاراشتىكى زىيالىيلارنىڭ بىرى.
ئۇ: ئامېرىكا-جۇڭگو ئىستراتېگىيە-ئىقتىساد دىئالوگى ھەقىقەتەن ئىستراتېگىيە دىئالوگى بولسا، بۇ سۆھبەت چوقۇم ئامېرىكا تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. «چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى ئىستراتېگىيە دىئالوگىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى» دەپ قارالسىمۇ، ھەتتا بېزىلەر «سۆھبەتكە كۆلەڭگە چۈشۈردى» دەپ قارىسىمۇ، بىراق مېنىڭچە بۇ ۋەقە ئىستراتېگىيە دىئالوگىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسى دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىنسا ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا، بۇ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى ۋە كېلەچەكتىكى ئىسلاھات ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينايدۇ. شۇڭا مەن بۇ نۇقتىدىن چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو ئىستراتېگىيە دىئالوگىغا ئاۋارىگەرچىلىك پەيدا قىلغانلىقىنى ھېس قىلمىدىم، دەپ كۆرسەتتى.
جون بېرېنەن يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا «فوكس» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئارىسىدىكى «مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇق» نى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ: ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم مۇناسىۋەت. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىدە مۇۋاپىق يول تۇتۇشىمىز ۋە ھەر قايسى ساھەلەرنى ئوخشاش دەرىجىدە نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم، دەپ ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ مەسىلىدە بارلىق ئەھۋاللارنى تەڭ كۆزدە تۇتىدىغانلىقى، بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتى ۋە دۇنيادا ئوخشىمىغان پىكىردىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن، ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەيدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ نۇقتىلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئوخشاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جون بېرېنەن، ئۆتكەن ھەپتە چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەزكۇر ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرغان تۇنجى ئامېرىكا ئەمەلدارى. بىراق جون بېرېنەننىڭ باياناتى بەزى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جون بېرېنەننىڭ «تۈرلۈك ئاممىلارنى ئوخشاش دەرىجىدە نەزەردە تۇتۇش» دېگەن سۆزىنىڭ قانداق مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، بىراق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى.
لېكىن جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسلۇبىغا ئىجابىي باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە قوللانغان تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۇسۇلى ئۇنىڭ دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرگە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئۇنىڭ خىتايغا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشىنى كۈتمەسلىكىمىز كېرەك. بىز بېرېنەننىڭ سۆزىدىن يەنە شۇ نەرسىنى ھېس قىلىمىز، ئۇنىڭ سۆزى ئامېرىكا خۇددى ب د ت پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىدىغان نورمال بىر چوڭ دۆلەت بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. چېن گۇاڭچېڭنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى بىر ھەقىقەت. ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە مەيلى قانۇن نۇقتىسىدىن، مەيلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن ۋە ياكى چېن گۇاڭچېڭنىڭ شەخسى پۇقرالىق ھوقۇقى نۇقتىسىدىن بولسۇن، زور پائالىيەت بوشلۇقى بار. ئۇنىڭ بەك ئېھتىيات قىلىشى ھاجەتسىز. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامال قىلىپ، ئۈزەڭگىدىن چۈشۈۋېلىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. روشەنكى، ئۇنىڭ بۇرۇن فاڭ لىجى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا مەن ئامېرىكىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشتەك بۇنداق بىر ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى ئىجابىي، دەپ قارايمەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كەمپېل يەكشەنبە كۈنى خىتايغا قاراپ يولغا چىققان. ۋېكتورىيە نۇلاند، كۇرت كەمپېلنىڭ خىتاي سەپىرى كلىنتون خانىمنىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ سەپىرىنى چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىگە باغلىغان. لېكىن، ۋېكتورىيە نۇلاند كۈرت كەمپېلنىڭ زىيارىتى بىلەن چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى يەنە رەت قىلدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور تەجرىبە ساۋاق ئىكەنلىكى، ئەگەر ھازىرقى سىياسەت داۋاملىق يولغا قويۇلسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى مەيلى پۈتكۈل جۇڭگودىكى پۇقرالار ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە ئۈچۈن بولسۇن ناھايىتى زور بىر ساۋاقتۇر. ئۇلار مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇپ كەلدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر كومپارتىيە ئىچىدىكى زىيالىيلار ياكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى بۇنىڭغا يەنە داۋاملىق سەۋر-تاقەت قىلسا، مەيلى بۇ «ياسىمەن ئىنقىلابى» دەيلى ياكى باشقا بىر ئىنقىلاب دەيلى ئىش قىلىپ بىر ئىنقىلابنىڭ ئوت پىلتىسىنى ياقىدۇ. شۇڭا دەرھال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھازىرقى مۇقىملىق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش كېرەك. مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم، دەپ كۆرسەتتى.