ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھەققىدىكى يىڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىىسى يېقىندا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى كۆپ خىل ساھەلەرگە تاقىلىدىغان 2012 - يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.11.14
amerika-xitay-dokilat-305.png ئاقساراي ئاخبارات كومىتىتىنىڭ باشلىقى مايك روجىرز ئەپەندى خىتاي تەھتىدى توغرىسىدا بايانات قىلماقتا
AFP


مەزكۇر دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەبلەغ سېلىۋاتقان شېركەتلەرگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورىدىكى ئەڭ زور تەھدىتكە ئايلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى بولسا چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر دوكلات، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تارمىقىدىكى ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك تەتقىقات كومىتېتى تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان. دوكلات، 6 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، خىتاينىڭ ئامېرىكا خەۋپسىزلىكىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرى، خىتاينىڭ 2012 - يىلىدىكى ھوقۇق ئالمىشىشىغىچە بولغان كەڭ ساھەدە مۇلاھىزىلەر يەر ئالغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئىقتىسادقا ئائىت قىسمىدا ئىلگىرىكى دوكلاتلارغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارخانا، شېركەتلەرنى قامال قىلىۋېلىشى ۋە ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، خەلقئارا بازاردا ھەقسىز رىقابەتكە يول ئېچىۋاتقانلىقىدەك مەسىلە يەنە تەكىتلەنگەن. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكا شېركەتلىرىنىڭ ھەم خىتاي ئىچى، ھەم ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا 3 - بىر دۆلەتتە بازار تېپىشىغا كاشىلا قىلىپ، ئامېرىكا شېركەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسز زىيان تارتىشىغا يول ئاچماقتا ئىكەن. بۇنىڭغا يول ئېچىۋاتقان يەنە بىر ئامىل بولسا، ئەلۋەتتە خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى. ئەمما دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ 12 - بەش يىللىق پىلانىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق دۆلەت كارخانىلىرىنى قوللاش، شەخسى شېركەتلەرنىمۇ تەسىر ئاستىغا ئېلىش، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان شېركەتلەرنى تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان قىلىش، باجنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئوخشاش نۇرغۇن ۋاستىلەر ئارقىلىق خەلقئارا بازاردا ھەقسىز رىقابەت قىلىشنى داۋام قىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، دوكلاتتا ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي شېركەتلىرى بىر قارىماققا ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدا ئەكەلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇنداق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شېركەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە ئامېرىكىغا نېمە ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇلار يۇقىرىدىكى بارلىق ئەھۋاللارغا قارشى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادى سىياسەتلىرىنى ۋە ئامېرىكىغا مەبلەغ سالغان خىتاي شېركەتلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەكلىپ قىلغان.

دوكلاتنىڭ خەۋپسىزلىككە ئالاقىدار قىسمىدا، خىتاينىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي راسخوتى ۋە شۇنداقلا ھەربىي تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ھەرىكىتىگە تەھدىت تەشكىل قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنىڭمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىن كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، رايوندىكى جىددىيلىكنى ئۆرلىتىۋەتكەنلىكى يېزىلغان. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت - ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنتېرنېت بوشلۇقىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2012 - يىلى خىتايدىن كەلگەن خاككىرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ خاراكتېرىدىن خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتىكى جاسۇسلۇق پائالىيەت دائىرىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگۈدەك دەرىجىدە ئارتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خىتاينى ئىنتېرنېت بوشلۇقىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئاكتيور قىلىشقا يېتىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدە ئوچۇق - ئاشكارا ئەمەسلىكى، مەسىلەن، خىتاينىڭ زادى قانچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېشى بارلىقى، يادرو پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىر بايان قىلمايۋاتقانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ قورال چەكلەيدىغان تۈرلۈك خەلقئارا چەكلىمىلەرگە قول قويماسلىقىدەك بىر قاتار ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىگە قارىتا گۇمان تۇغدۇرغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرغان ۋە رايوندىكى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنى كۈچەيتكەننىڭ سىرتىدا، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىدە ھەل قىلىشنى قەستەن كەينىگە چېكندۈرۈپ، ۋاقىتنى سوزۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ بىر توقۇنۇش بولغان تەقدىردە، باشقا ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى بېسىپ چۈشۈشتىن ئىبارەت، دېيىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە 32 تۈرلۈك پىكىر - تەكلىپ بېرىلگەن. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىۋاستە مەبلەغ سالغان شېركەتلەر ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىش، تىجارەتتىكى بارلىق رەقەم ۋە ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ دوكلات تەييارلاش، ئامېرىكا دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە شەخسى كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر - ئىنتېرنېت سېستىمىسىلىرىنىڭ مۇداپىئىسنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى قورال چەكلەش ۋە يادرو چەكلەش كېلىشىملىرىگە ئەمەل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، 1992 - يىلى بېكىتىلگەن ۋە ئامېرىكىدىن خوڭكوڭغا تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان قانۇننى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشقا ئوخشاش بىر قاتار تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي بۇنىڭغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى. ئۇ، يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنى ئاساسسىز، دېدى ۋە ئامېرىكىنى سوغۇق ئۇرۇش پىسخىكىسى بويىچە ئىش قىلىشنى داۋام قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تارمىقىدىكى ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك تەتقىقات كومىتېتى2000 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا خەۋپسىزلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.