ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى

«جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى بۈگۈن ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدىكى نۇسا دۇئا سەيلىگاھىدا باشلاندى. بۇ يىغىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك تۇمانلىرى ئىچىدە قالدى.

0:00 / 0:00

«جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى بۈگۈن ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدىكى نۇسا دۇئا سەيلىگاھىدا باشلاندى. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى سۇشىلو بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇنلا بالى ئارىلىغا كېلىپ، يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. بالدۇر كەلگەن بىر قىسىم دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلىرىنى تۈنۈگۈنلا باشلىغان ئىدى.

بۈگۈنكى يىغىندا، يىغىننىڭ خىتابنامىسى مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغاندا، فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئاكىنو، يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە قوشنا دۆلەتلەرگە ھۆرمەت قىلماي كېلىۋاتقان خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكسەپ تۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەشەببۇس جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھىندى ئوكياندىن جەنۇبىي دېڭىز ئارقىلىق خىتايغا، جەنۇبىي كورىيىگە ۋە ياپونىيىگە نېفىت توشۇيدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىراش قاتناش يولىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيىنىڭ دارۋېندا ھەربىي بازا قۇرغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ يىغىندا سۆز باشلاپ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ھەققى يوق، دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا يەنە، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىشكە ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى ۋە كېلەر يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەرگە دائىم تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدا ئېچىلىۋاتقان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك تۇمانلىرى قاپلىدى. «ۋول سترىت گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىغىندا ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى كېلىشىمى ئىمزالاندى، ئامېرىكا بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدا، 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بوين 737 بەلگىلىك يولۇچى ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش دۇگۋارى ئىمزالاندى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتايغا قارىمۇ ‏- قارشى پىكىردە بولۇۋاتقان فىلىپپىن، تايلاند، ۋيېتنام، سىنگاپور، مالايشىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىغىندا، ياپونىيە باش مىنىستىرى نودا جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى بىلەن «ئوكيان بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىدى. شۇنداقلا، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئاسىياسى قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىككى تىرىليون ياپون يېنى ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى.

جەنۇبىي كورىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدا جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ دېڭىز چارلاش پاراخوتلىرى ۋە تىك ئۇچارلىرى چارلاش ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز بېلىق تۇتقان 12دانە خىتاي پاراخوتىنى تۇتۇۋالدى. پاراخوتتىكى تۆمۈر كالتەك كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن خىتايلارغا، خۇددىكى سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى.