تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە
2012.11.26
2020-يىلغىچە ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ يۈزدە 60% پىرسەنتى ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا ئورۇنلىشىدۇ، سەۋەبى خىتاينىڭ تىز سۈرئەت بىلەن زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللىنىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە دۇنيانىڭ بىرىنچى كۈچى سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراشۇتلىرى ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قاراپ يۈرمەكتە. 2020-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ يۈزدە 60% پىرسەنتى ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا ئورۇنلىشىدىكەن، دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى قوشۇنلىرى چېكىنىدىكەن، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى پەنتاگونغا نىسبەتەن خىتاينىڭ تىز سۈرئەتتە قوراللىنىشىغا قارشى بىر جاۋاب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بېيجىڭ دائىرىلىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى پائالىيەتلىرىنى، خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئورۇش، دەپ قارايدىكەن.
تۈركىيىدە چىقىدىغان «ۋەتەن» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، گېرىمانىيىلىك تاشقى ئىشلار كومىتېتى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ئېبېرھارد مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق داۋا قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا تىجارەت يولى بار، ئامېرىكىمۇ بۇ يەردىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى خالايدۇ، ئامېرىكا خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنى بولۇپمۇ تەيۋەننى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ مەسىلە پەقەت ھەربىي ئىستراتېگىيە مەسىلىسى ئەمەس، ئەلۋەتتە ئىقتىسادى ئىمتىيازنىڭ تەسىرى بار، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش».
ماقالىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پۇل بىرىمى مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشتا تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىلىقلار يۈەننىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئەڭ كۆپ قەرزى بار، 1 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق قىممىتىدە دۆلەت زايوملىرى بىلەن خىتاي دۆلەت بانكىسى ئامېرىكىغا ئەڭ كۆپ قەرز بەردى. بۇ ھادىسە بىر كۈچ دەپ قارالغان بولسىمۇ خىتايلار بۇنىڭدىن ھېچ قانداق پايدا ئالالمىدى. قىممەتلىك قەغەزلەرنىڭ كۆپ مىقداردا سېتىشى ئامېرىكىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىش ۋەزىيەتتە بولسىمۇ ئامېرىكا دۆلەت زايۇملىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىشى خىتاينى كۆپ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
پروفېسسور ئېبېرھارد، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «غەرب ئىقتىسادى كۈچنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە باغلىنىپ قېلىشى دۇنيا تارىخىدا ھەيران قالارلىق بىر ئىش، ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان بىر ئىش. ئەمما نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بەلكى ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەر ئىككى كۈچ بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق، شۇ سەۋەبتىن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن قارشىلاشماستىن ۋاشىنگتون بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىش كېرەك، پەنتاگونمۇ ئۇرۇش قىلىش نىيىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك.
تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمى باشلىقى دوكتور سەلجۇق چۇلاق ئوغلى، خىتاي دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچ ئەمەس بىرىنچى ئىقتىسادى كۈچ بولۇشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
سەلچۇق چۇلاق ئوغلى مۇنداق دېدى: «يېقىنقى 10 يىلدا گېرىمانىيە ۋە ياپونىيىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچكە ئايلانغان خىتاينىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پىكىر-قاراشلىرىغا قارايدىغان بولساق، خىتاي كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيادىكى ئىقتىسادى جەھەتتە بىرىنچى كۈچ بولۇشنى ئاساس نىشان قىلىدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى بىرىنچى سىياسىي كۈچ بولۇش نىشانىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى بار، ئىقتىسادى مەقسەتلىرىمۇ بار، ئەمما خىتاي ھەممىدىن بەكرەك ئىقتىسادى مەقسەتلىرىنى ئاساس ئورۇنغا قويىدۇ، بولۇپمۇ خىتايلار، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئىقتىسادى كۈچى بولسىمۇ يېڭى بىر سۇپەر كۈچ يەنى بىرىنچى كۈچ نامزاتى بولۇش ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىق بىر شەكىلدە ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئاساسى مەقسىتىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئىقتىساد ئىكەنلىكنى كۆپ تەكىتلەيدۇ».