شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە بېغىشلاپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
4" - ئىيۇن ۋەقەسى" نىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىموكراتىك خىتايلار تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلەۋاتقان بىر مەزگىلدە ، ئامېرىكا ھۆكۆمىتى خىتاينىڭ 1989 - يىلى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەگە ئائىت سىرلارنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىمنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا تەكىتلەنگەن.
كلىنتون خانىم يازما باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى 4" - ئىيۇن ۋەقەسى" دە ئۆلگەن، قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىدۇ. كىشىلەرنى"خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى نامايىشنى باستۇرغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرە كۈنى بۇ تراگىدىيىلىك ۋەقەدە ئۆلگەن يۈزلىگەن گۇناھسىز كىشىلەرنى خاتىرىلەش"كە ئۈندىگەن كلىنتون خانىم، "خىتاي ئىقتىسادى زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى شۇنداقلا يەر شارىدىكى تېگىشلىك رەھبەرلىك ئورنىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆتمۈشتىكى بەزى زۇلمەتلىك ۋەقەلەر بىلەن يۈزلىشىشى لازىم. ئۆلتۈرۈلگەنلەر، قولغا ئېلىنغانلار ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، تەجرىبە - ساۋاقنى قوبۇل قىلىش، ئازاپ - ئوقۇبەتنى يەڭگىللىتىشكە يەتكىلى بولىدۇ" دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى فىلىپ كروۋلېي شۇ كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كلىنتون خانىمنىڭ 4" ئىيۇن " توغرىسىدىكى باياناتىغا ئىزاھات بېرىپ، كلىنتوننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىخي ساۋاقنى يوشۇرماي ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كروۋلېي مۇنداق دەيدۇ": بىز خىتاينىڭ تارىخنى يوشۇرماي ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشقا تەييار تۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالايمىز. بىز بۇ ھەپتىدە كۆرگەن بەزى خەۋەرلەردىكى بەزى خىتايلارنىڭ بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش سالاپىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس."
كلىنتون خانىم 4" - ئىيۇن" توغرىسىدىكى باياناتىدا يەنە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتاي تۈرمىلىرىدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، "بۇ خاتىرە يىلى خىتاي دائىرىلىرىگە يەنە بىر پۇرسەتنى ئاتا قىلدى. دائىرىلەر بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ 1989 - يىلدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسى سەۋەبى قاماققا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرەلەيدۇ" دېگەن.
كروۋلېي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، خىتاينىڭ 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى خىتاي ئەمەسلىكىنى، خىتايدا ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدىغان بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
فىلىپ كروۋلېينىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ھەققىدىكى سۆزى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدىكى يىغىندا 89 - يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار رەھبىرى ۋاڭ دەننىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ۋاڭ دەن مۇنداق دېگەن":غەربلىك نۇرغۇن رەھبەرلەر ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ جۇڭگو رەھبەرلىرىنى 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى رەھبەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، دەپ قارايدۇ. باياناتچىنىڭ سۆزى ئۇلارنىڭ خاتالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قىلچىلىك ئۆزگەرگەن ئەمەس." ۋاڭ دەن خىتاي دېموكراتلىرىغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلغان يىغىندىكى باياناتىدا كىشىلەرنى خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدىكى يىغىنغا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسى، دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەتلەر، دېموكراتىك خىتايلار قاتناشقان.
كلىنتون خانىمنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىپادىسى ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ يىل 2 - ئايدىكى خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا "كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادى كرىزىس ۋە ھاۋا كلىماتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك" دېگەن سۆزى تەنقىدلەنگەن ئىدى.
كروۋلېي چارشەنبە كۈنكى باياناتىدا كلىنتوننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈپكى ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ " ئەگەر سىز ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە كەڭ دائىرىلىك قارىسىڭىز، كلىنتون خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى تۈپ مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتىكى بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان پۈتۈن مەسىلىمىز كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك. ھاۋا كلىماتى، پۇقرالارنىڭ پاكىز سۇ ئىچىش، پاكىز ھاۋادا نەپەس ئېلىش ھوقۇقى دېگەنلەر كىشىلەرنىڭ خەلقئارا تەبىئىي ھوقۇقىدۇر"دەيدۇ.
خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدىكى يىغىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن":بىز جۇڭگونىڭ ئۈمىدى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدا شۇنداقلا سىياسى ئىسلاھلاردا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز."
كلىنتون خانىم بايانات ئېلان قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى خىتاي ئامېرىكا تەرەپنىڭ تىزىملىك ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ"پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت 1980 - يىللاردا يۈز بەرگەن بۇ سىياسى ۋەقەگە ئۆز باھاسىنى بېرىپ بولدى،" دېگەن.