'ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكا خەلقنىڭ دىلىغا سالغان ئازاپنى كەتكۈزۈشكە ھۆزرە كار قىلمايدۇ '
2001 - يىلى 11 - سىنتەبىر كۈنى ئەتىگەندە، تېررورچىلار تەرىپىدىن گۈرۆگە ئېلىۋېلىنغان ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 4 يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ ئىككىسى نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا سارىيىنىڭ قوشماق بىناسىغا سوقۇلۇپ، بىرى بەش بۈرجەك بىنانىڭ بىر بۈرجىكىگە سوقۇلۇپ، ئاق سارايغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان يەنە بىرى تېررورچىلار بىلەن يولۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ئېلىشىشلار نەتىجىسىدە، پېنسېلۋىنىيا شتاتىنىڭ شانكىسۋېل شەھەرچىسىنىڭ سەھراسىدا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىپ، جەمئى 2752 نەپەر بىگۇنا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. س ن ن نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ دەھشەتلىك تېررورلۇقنى ئەسلەيدىغان پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە 'ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكا خەلقنىڭ دىلىغا سالغان ئازاپنى كەتكۈزۈشكە ھۆزرە كار قىلمايدۇ ' دېدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەمدى تېررورلۇققا قارشى دىئالوگنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكىدا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە، خىتاي خەلق قۇرۇلتېېيىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو ئامېرىكىغا كەلدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كىلىتون ئاخشام ۋۇ باڭگو بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى دىئالوگنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ بۈگۈن ئەتىگەندە ۋۇ باڭگو بىلەن كۆرۈشكەندە، ۋۇ باڭگو ئۇنىڭغا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىىدا ساقلىنىۋاتقان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى، ئامېرىكىنىڭ ئىختىلاپلارنى ياكى دىنىي ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ، بۆلگۈنچىلەرنى قوللاپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا تېخىچە ئۆزىنىڭ نېمىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. تېررورلۇققا قارشى دىئالوگتا، ئامېرىكا خىتايدىن ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشنى، خىتاي ئامېرىكىدىن 'شەرقى تۈركستانچىلار' مەسىلىسىدە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى جۇ فېڭ 'خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھازىر، سودا جەھەتتە ئوچۇق - ئاشكارا، ھەربىي كۈچ مەسىلىسىدە بولسا يۇشۇرۇن سۈركىلىش بار. خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆتكۈزىلىدىغان تېررورلۇققا قارشى دىئالوگتا، ئامېرىكا، خىتايدىن ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي، گۇەنتانامودىكى جىنايەت گۇماندارلىرى مەسىلىسىدە ئامېرىكىدىن نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئامېرىكىدىن 'شەرقى تۈركستانچىلار' مەسىلىسىدە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە ھازىر ئامېرىكىنىڭ قىلىۋاتقىنى بىلەن خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى باشقا ئىش
ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مەشھۇر يازغۇچى گۇ يۇەن ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇن بىراقلا بىر نەچچە مىڭ ئامېرىكىلىقنى ھاياتىدىن ئايرىغان 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئەسلەۋاتقان ۋە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى باشقا ئىش.
گۇ يۇەن ئەپەندى 'خىتاينىڭ ھەربىي پارات مەشقىغە نەزەر' دېگەن ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش دېگەن ئەسلىدە پۈتۈن خەلقنىڭ پائالىيىتى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتايدا ھازىر دۆلەت قۇۇرلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەييارلىقىدا، خەلقنىڭ پائالىيىتى يوق، پەقەت ھەربىيلەرنىڭلا ھەرىكىتى بار. ئەڭ مۇھىمى، چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان ھەربيى قىسىملار دۆلەت پۇقرالىرىغا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگىنى يوق.
گۇ يۇەن ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتايدىكى ھازىرقى ھەربىي پارات تەييارلىقى، مۇشۇ 60 يىل ئىچىدە 'ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ كورىيىگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى'، 'جۇڭگو - ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى'، 'جېنباۋداۋ ئۇرۇشى'، 'قىزىل كېخمىرلارغا ياردەم بېرىش ئۇرۇشى'، 'ۋېيتنامغا جازا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى' دېگەندەك ئۇرۇشلارنى قىلىپ مەغلۇپ بولغان ئارمىيىنىڭ، يېقىنقى يىللاردا 'ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشسا، شىئەننىڭ شەرقىدىكى ھەممە جاي كۈكۈم - تالقان قىلىنسىمۇ، ئۇرۇش قىلىشتىن يانماسلىققا تەييارلىق قىلىپ قويدۇق، ئامېرىكىمۇ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممسى تۈزلىنىپ كېتىشىگە تەييارلىق قىلىپ قويسۇن' دەپ پو ئېتىپ، قايتىدىن باش كۈتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكىتى. ئەمەلىيەتتە بۇ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خەلقتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئۆزىنىڭ سايسىدىنمۇ ئۈركۈپ قىلىۋاتقان ھەرىكىتى.