جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا خىتاينىڭ باش شتاب گېنېرالىغا قىزىل پايانداز سالىدىغان پىلان تۈنۈگۈنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بېرىگادا كوماندىرى جىن يىنەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا، ھازىر خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلدى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلاردىن پايدىلىنىشنى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر چەتكە قېقىپ تاشلىشى مۇمكىن، دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي باش شتاب گېنېرالى چېن بىڭدېنىڭ ئامېرىكا ئادمېرالى مايك مۇللېنگە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى قايتىدىن ئويلىشىشى كېرەك دېگەنلىكىگە قارىتا، ئوباما ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇنلا، ئامېرىكىنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ جاكارلىغان. تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى جاڭ داتۇڭمۇ، خىتاي باش شتاب گېنېرالىنىڭ سۆزىنى تۇتۇرۇقسىز گەپ دەپ سۆككەن.
خىتاي باش شتاب گېنېرالى چېن بىڭدې ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىگە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەنگە يېقىن جايلاردا ئورۇنلاشتۇرغان مۇداپىئە قىسىملىرى بار، ئەمما تەيۋەننى نىشانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى يوق، دېگەن سۆزىگە قارىتا، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاكىت كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خىتاي باش شتاب گېنېرالىنى، كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرغان يالغانچى دەپ سۆككەن.
فرانسىيە رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بۆ رۇيگۇاڭ بۈگۈنكى نۇتقىدا، ئامېرىكا ھەربىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى مايك مۇللېننىڭ «ئىككى تەرەپنىڭ تىنچ ھالدا بىرلىككە كېلىشىنى قۇۋۋەتلەيمەن» دېگەن سۆزىنى توغرا چۈشىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە، ئادمېرال مۇللېننىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى «تەيۋەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئەمەس، بەلكى «تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش» دېگەندىن ئىبارەت دېگەن.
دۇنيا خەۋەرلىرى تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى پۇ روڭجې بۈگۈن مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، جۇڭخۇا مىنگوچىلارنىڭ «بىر جۇڭگودا ئىككى دۆلەت» نەزەرىيىسىنىمۇ، ئامېرىكىنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى» نىمۇ يېڭىلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىككى تەرەپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى «ئىككى جۇڭگو» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ، بۈگۈن ئىنتېرنېتتا ناھايىتى كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان تېما بولۇپ قالدى.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۋەدە ئېچىلغان 64- قېتىملىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كەلگەن ئىدى. تەيۋەن قانۇن پالاتاسى بۈگۈن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چيۇ ۋېندادىن سوئال سورىدى. ئۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىغىندا، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇلارنىڭ، پەقەت قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپلا قويۇپ، جىددىي ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ھازىر تەيۋەندە، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جىددىي مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.
تەيۋەندىكى كۇتۇپخانا، مۇزېيلار ئۇيۇشمىسى، كىشىلىك ھوقۇق مۇلاھىزە مۇنبىرى، كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 10دا، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە تىبەتلەرنىڭ كىرتىي ئىبادەتخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈزلىگەن راھىبنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تەيبېيدىكى يۇەنسەن مېھمانخانىسىدا، مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىغان ئىدى.
بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغان كىشىلەر يېتىپ كەلگەندە، يىغىن زالىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالغان مېھمان خوجايىنى خىزمەتچىلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، يىغىن ئەھلىنى زالغا كىرگۈزمىدى، بەلكى بۇ يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان كىشى- مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندىنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن قوپال ھەرىكەت قوللاندى.