خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق كومپيۇتېرغا "يېشىل توسما" تور سۈزگۈچ يۇمشاق دېتالى ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقى پات يېقىندا رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەر قانداق كارخانا مەھسۇلاتىغا بۇ دېتالنى قاچىلىشى كېرەك.
"يېشىل توسما " تور سۈزگۈچ يۇمشاق دېتالىنى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى جېنجۇ شەھىرىدىكى جىنخۇي كومپيۇتېر سېستىما قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى تەرەققى قىلدۇرغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ سېرىق چاپلانمىلارنى توساشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن مەزكۇر بەلگىلىمە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تور قوللانغۇچىلارنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىلىدىكى تور ھەۋەسكارلىرىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنى بىئارام قىلماي قالمىدى. ئالدىنقىلار مەزكۇر بەلگىلىمە پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىگە ئىلگىرىلىگەن ھالدا توسالغۇ پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، كېيىنكىلەر بۇنىڭ خەلقئارا ئەركىن سودا كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، كومپيۇتېرنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
لېكىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەلۇم بىر تور بېكىتىنىڭ يۇقىرىقى مەسئۇلى بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر تورچىلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئەسلىدىنلا ناھايىتى قاتتىق نازارەت ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يېڭى بەلگىلىمە شەخسى تور قوللانغۇچىلارنى بىئارام قىلىپلا قالماي خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىد نىشانى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەزكۇر بەلگىلىمىگە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى خىتاي ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە تورغا چەكلىمە قويۇش ئىشلىرىدا غەرب شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن "يەر شارى ئۇچۇر ئەركىنلىك قانۇنى" ماقۇللاپ، غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئىستىبدات دۆلەتلەردىكى سودا پائالىيەتلىرىدە بۇ ئەللەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقە چەكلىمىسىگە ئائىت بەلگىلىمىلىرىنى رەت قىلىشىنى، تور قوللانغۇچىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا مۇنداق دېگەن": ئىران ۋە خىتاي غەرب تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، خەۋەر ۋە ئۇچۇرغا چەكلىمە قويۇۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز شىركەتلىرىنى باشقىلارنىڭ خەتەرلىك خاتا ئىشلاردا قوللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاقتىدۇر.
خىتاينىڭ "يېشىل توسما"پىلانى يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، تور قوللانغۇچىلارنى بىئارام قىلمىغان ئىدى. بۇ پىلان يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئەللىرىنى بىئاران قىلىپ ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گەرىي لو ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى رون كىرك خىتاي ھۆكۆمەت دائىرىلىرىگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ"يېشىل توسما" پىلانىنى ئەركىن سودا كېلىشىمىگە خىلاپ، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىئان كەلېي پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا"بىز بۇ يۇمشاق دېتال مەسىلىسىدە ئەندىشە قىلىمىز. چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزچە ، بۇ ئەركىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بۇ ئارقىلىق بىز بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىمىزنى يەتكۈزىمىز. بۇ يالغۇز بىزنىڭ قايغۇمىز ئەمەس. خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن تەرەپلەر بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويۇپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان، كىشىلەرنىڭ نازۇك سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئەركىن پىكىر قىلىشىنى چەكلەۋاتقان دۆلەت، دېگەن ئاتىقى بار. ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەلۇم بىر تور بېكىتىنىڭ يۇقىرىقى مەسئۇلى، ئۇيغۇرلاردا پىكىر قىلىش جەھەتتىكى توسالغۇ، مەزمۇن جەھەتتىكى چەكلىمە قاتارلىقلار ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كومپيۇتېرلارغا "يېشىل توسما" يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاشتىكى مەقسەت، ياش - ئۆسمۈرلەرنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ساغلام بولمىغان تۈرلۈك چاپلانمىلار بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەپ كۆرسەتمەكتە.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بولسا " خىتاي ئىستىلىدىكى بۇ سۈزگۈچ يالغۇز چەكلەشكە تېگىشلىك شەھۋانىي نەرسىلەر بىلەن قالمايدۇ، بۇ يەنە ئىپادە ئەركىنلىكىگە قىلىنغان تەھدىتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.