خىتاينىڭ گېنېرال مايورى: ئامېرىكا جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئالماقچى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ يېقىنقى ئاسىيا زىيارىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن خىتايدا بۇ ھەقتە ھەرخىل ئىنكاسلار قوزغالغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.11.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇ خىلدىكى ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ھەربىي خادىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتىدا ئوبزور ئېلان قىلغان خىتاي گېنېرال مايورى لو يۈەن ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مۇھاسىرىگە ئالماقچى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ پىكىر يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىچىلەر بولسا خىتاي شۇنداق ئويلىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئاسىيا سىياسىتى بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى زور ئۆزگىرىش ياسىدى. 16 - نويابىر ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئوباما، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى. ئوباما، نۆۋەتتىكى ئۇرۇشلارنىڭ ئاياغلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىشلار قاتارىغا قويۇشقا تۇتۇنغانلىقى ۋە ھەربىي خام چوتتا قىسقارتىش بولغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي چىقىمىنىڭ كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆرسەتمەم بەكلا روشەن. بىز كەلگۈسى ھەربىي خامچوتلارنى تەقسىملەۋاتقان پەيتلەردە، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىمىز. ئامېرىكا بىر تىنچ ئوكيان دۆلىتى ۋە بىز بۇ يەردىن كەتمەيمىز.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى يەنە ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيىدە ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىغان ئىدى.

دەرۋەقە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا سىياسىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خىتاي مۇلاھىزىچىلەرمۇ بۇ ھەقتە ھەرخىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە رەسمىي شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھەربىي تەتقىقاتچىسى لو يۈەن دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مۇھاسىرىگە ئالماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورى ۋە تەتقىقاتچى لو يۈەن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت ئوبامانىڭ يېقىنقى ئاسىيا زىيارىتى ھەققىدىكى ئوبزورى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «خەلق» گېزىتىگە بېسىلدى.

لو ئوبزورىدا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئاسىياغا قايتىپ كېلىشىنى خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا قوشۇن ۋە باشقىلارنى تۇرغۇزۇش بىلەن باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىكى غەرىزى ئېنىق. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگوغا قارىتىلغان؛ ئۇ بولسىمۇ جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

لو يەنە مۇنۇ قۇرلار ئارقىلىق ئامېرىكىغا خىتاب قىلغان: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق مەنپەئىتىگە دەخلى قىلمىغان يەردە، ئاسىيادا خىتاينى قورشاۋغا ئېلىپ نېمە ئىش قىلىسىلەر.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئاسىيا رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن سىياسەت ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان.

لو يۈەن ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى تەنقىدلەپ مۇنداق يازغان: ئامېرىكا چوڭ ئىستراتېگىيىلىك خاتالىق سادىر قىلدى. ئۇ دۈشمىنىنى خاتا مۆلچەرلەپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نەزىرىنى چاتاق بىر جايغا تىكىپ قالدى. ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۇسسۇللىرىمۇ ھەم خاتا.

بۇ ھەقتە توختالغان ئەركىن ئەكرەم، يۇقىرىقىلارنىڭ پەقەت شەخسىي پىكىر سۈپىتىدە قېلىپ قالىدىغانلىقى، باشقىلارنىڭ قانداق دېيىشىدىن قەتئىي نەزەر خىتاينىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسىيادىكى دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداشقا قۇربى يېتىدىغانلىقىنى ھەمدە نۆۋەتتە بۇ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.