ئامېرىكا خىتايغا ئولىمپىك سايىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى سەيشەنبە كۈنى يېپىلدى. تەرەپلەر سۆھبەتتىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تىلغا ئالسىمۇ، لېكىن سۆھبەت مەزمۇنىدىكى قىسمەن تەپسىلاتلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد كرامېر سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش تەكلىپى بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.28

 لېكىن سۆھبەت مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى ئۆكتىچى زاتلارنى نەزەربەنت قىلىپ، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىمالىنى چەكلىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر بولسا كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

ئىككى تەرەپ يىل ئاخىرى يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن

ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ۋە ئەمگەك ھوقۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دەيۋىد كرامېر، سەيشەنبە كۈنى يەنى خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئامېرىكا ‏ - خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى توغرا يۆنۈلۈشكە قاراپ بېسىلغان 1 ‏ - قەدەم، دەپ قاراش كېرەك " دەپ كۆرسەتتى. مۇخبىرلارغا خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 2002 - يىلى توختاپ قالغاندىن كېيىن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە " بۇ 6 يىلدىن بېرى ناھايىتى كىچىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى" تەكىتلىگەن كرامېر، سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆزدە تۇتقان سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.

دەيۋىد كرامېر، "بىزنىڭ سۆھبەتنى ھازىر ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزدىكى سەۋەب ، بىز بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئاساسلار بار، دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈندۇر " دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، تەرەپلەرنىڭ بۇ يىل ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى، لېكىن سۆھبەتنىڭ كونكرېت ۋاقىت جەدۋىلىنى تىلغا ئالمىدى. ئەمما كرامېر، ئۆزىنىڭ ۋاقىپلاندۇرۇلۇشىغا قارىغاندا ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىلقى كىشىلىك ھوقۇق باھالىشىدا خىتاينىڭ خاتىرىسى يەنىلا " ناچار" باھالانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ئۆكتىچى زاتلارنى نەزەربەنت قىلغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىك مەسىلىسىدە يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بېرى كۆرۈنەرلىك چېكىنىش بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامىدا يۈرگۈزۈلگەن تەدبىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن خىتاينىڭ سۆھبەت مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى بەزى ئۆكتىچى زاتلارنى نەزەربەنت قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خىتاينىڭ سەمىمىيىتىگە گۇمان تۇغدۇرماي قالمىدى. ئامېرىكا بولسا سۆھبەت مەزگىلىدە تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچى زات خۇ جيانىڭ ئايالى زېڭ جىنيەن، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زات ۋەن ياڭخەي، خرىستىئان مۇرىتى شۇ يۇڭخەيلەرنىڭ نەزەربەنت قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرگە "جىددىي قارايدىغانلىقى"نى بىلدۈرمەكتە. ئەسلى دەيۋىد كرامېر بېيجىڭ سەپىرىدە بۇ شەخسلەر بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى.

كرامېر، بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ كىشىلەر بىلەن نەزەربەنت قىلىنغانلىقى تۈپەيلى كۆرۈشەلمىگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە ئىزاھات بېرىشىنى ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىككورماك سەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا " بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە جىددىي قارايمىز شۇنداقلا بىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرىمىز " دەيدۇ. خەۋەرلەردىكى ھەر بىر كونكرېت ۋەقە ۋە شەخسكە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىككورماك،" بۇ پاكىتلار ئاساسىدا ۋە ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن دائىرىدە ئۇلارنى سۈرۈشتۈرىمىز. مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر دەيۋىد كرامېر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ2002 ‏ - يىلى ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى توختىتىپ قويۇشىدىكى سەۋەب، خىتاي بىلەن بولغان بۇ ساھەدىكى دىئالوگ نەتىجە بەرمەيدۇ، دەپ قارىغانلىقىدا ئىدى. لېكىن كرامېر، سۆھبەت توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەرياندا خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىسى داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دەيۋىد كرامېرنىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا ، دۈشەنبە كۈنكى سۆھبەتتە ئۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلار باش مۇدىرى ۋۇ خەيلۇڭ بىلەن ئامېرىكا دىققەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا دائىر بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇر ۋە تىبەت مىللىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۆكتىچى ۋە ژۇرنالىستلارنى تۈرمىگە سولاش، دىنىي پائالىيەتلەرگە چەكلىمە قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم دەيۋىد كرامېر بىلەن ئۇ بېيجىڭغا يولغا چىقىش ھارپىسىدا كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، ئۇ يەنە مارت ئېيىدىكى خوتەن ئاياللار نامايىشىدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاقىۋىتى، تۈرمىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

يەنە بەزى خەۋەرلەردە، قەشقەرلىق ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئىسمى كرامېرنىڭ سەمىگە سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى بىشوپ فۇ، دەيۋىد كرامېر بىلەن كۆرۈشكەندە ئالىمجاننىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە "دۆلەتنى پارچىلاش" بىلەن سوتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالىمنىڭ سوتى ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلگەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 27 ‏ - ماي كۈنى ئالىمنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاش، چېگرا سىرتىدىكىلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلەش" جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىلنىڭ يوقلۇقىنى سەۋەب قىلىپ، دېلونى ج خ دائىرىلىرىنىڭ تەكرار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قايتۇرۇۋەتكەن. "

جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى"نىڭ مەسئۇلى بىشوپ فۇ، دېلونىڭ ج خ ئىدارىسىغا قايتۇرۇۋېتىلىشى بېيجىڭدىكى سۆھبەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. ئۇ مۇنداق دەيدۇ،" بىزنىڭ ھېس قىلىشىمىزغا قارىغاندا ، بۇ ۋەقە ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مەن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد كرامېرنىڭ تەكلىپى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، دوكلات بەرگەن ئىدىم. ئۇ، ئالىمجاننىڭ دېلوسى سۆھبەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى، بۇنى خىتايلارنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ".

خىتاي : تەرەققىيات ھوقۇقى، بىر مىليارد 300 مىليون كىشىنى تويغۇزۇش، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇقتۇر

دەيۋىد كرامېر، خىتايلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە "تىبەت تۇتقۇنلىرىنىڭ سانى، ئۇلارنى قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ئاقلاشقا تەكلىپ قىلىنغان ئادۋوكاتلارغا تەھدىت سېلىش ۋەقەسى" قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، سۆھبەتنىڭ "شىنجاڭ"دىكى مىللىي پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇش مەسىلىسىگە چېتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى تىلغا ئالمىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئالاھىدە سەزگۈر ئىكەنلىكى ۋە كرامېر خىتاينىڭ زىتىغا تەگمەسلىك ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە تەپسىلىي توختالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كرامېر، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى. بىز بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋىتىمىزدىكى ئىجابىي ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز " دەيدۇ. لېكىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانى غەرب ئەللىرىنىڭكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. خىتاي تەرەققىيات ھوقۇقى، بىر مىليارد 300 مىليون كىشىنى تويغۇزۇش، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇقتۇر، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.