كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى: ئامېرىكا، ئۆز قىممەت قارىشىڭدا چىڭ تۇر!

يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى، كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى قاتارلىق 9 ئورگان بىرلىكتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىمغا مەكتۇپ يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

0:00 / 0:00

ئۇلار مەكتۇبىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قىممەت قارىشىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەكتۇپتا يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ليۇشاۋبو مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا قىلغان چاقىرىقى ئالقىشلانغان ۋە كلىنتون خانىمنىڭ 2011 - يىلى بىرىنچى ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئامېرىكا - خىتاي سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى دەۋەت قىلىنغان.

بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىمغا يوللانغان مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ خەتنى يوللىغان ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان ئەركىنلىك سارىيى تەشكىلاتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كورتنېي رەدس خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

كورتنېي خانىم ئالدى بىلەن ھىللارىي كلىنتون خانىمغا مەكتۇپنى يوللاشتىكى مەقسىتىنى ئېيتىپ بەردى:

-- بىز قالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىمنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش ئۈچۈن، بۇ خەتنى ئۇنىڭغا يوللىدۇق. چۈنكى بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز بۇ خەتتە ھۆكۈمەتنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا دەۋەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىنى يەتكۈزدۇق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا چاقىردۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر قانچە ماددىلىق تەلەپ - پىكىرلەر سۇنۇلغان بولۇپ، كورتنېي خانىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەلەپ - پىكىرلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

-- بىز بۇ خەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئوچۇق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئاشۇرۇش، مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى بېسىمنى ئارتتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇنىڭدىن سىرت بىز يەنە، ھىللارىي كلىنتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ياردەمچىلىرىنىڭ بېيجىڭدا ۋە ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە شۇنداقلا ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشىنى، پەقەتلا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئەمەس، ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

كورتنېي خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خۇددى ئۇ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى، گوگۇل شىركىتىنىڭ مەسىلىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىگە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى زۇلۇمى مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، خىتايغا بۇ ھەقتىكى بېسىمنى ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىللارىي كلىنتون خانىمغا مەكتۇپ يازغان 9 كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ بار بولۇپ، بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىبى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى يۇمشاق تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاش قاتتىق تەلەپپۇز قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە كىشىنى خۇش قىلغۇدەك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا يانۋاردىكى ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چوقۇم مۇھىم مەسىلە قاتارىدا كۈن تەرتىپكە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.