ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ 30 يىللىق مۇساپىسىدىكى چوڭ ۋەقەلەر

ئامېرىكا‏ - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، رويترېس ئاگېنتلىقى 30 يىللىق مۇساپىدىكى چوڭ ۋەقەلەر خاتىرىسى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.01.06
bush-xu-g8-japan-305 ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ 8 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﭘﺮﻩﺯﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﯘﺵ ﯞﻩ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ.
AFP Photo

خاتىرىدە ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ۋەقەلەر مەزكۇر 30 يىللىق مۇساپىنىڭ، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ دېگەندەك پارلاق بىر مۇساپە ئەمەسلىكىنى؛ ئەكسىچە سۈركۈلۈشلەردىن خالىي بولالمىغان، ئەگرى - توقاي بىر مۇساپە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى مۇناسىۋەت 1971 ‏ - باشلانغان. بۇ يىلى ئامېرىكا تىك - تاك توپ تەنھەركەتچىلىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان. بۇ، خىتاي، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆتكەندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارەت بولغىنى ئۈچۈن، " تىك - تاك توپ" دىپلوماتىيىسى دەپ ئاتالغان.

1972 ‏ - يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە شاڭخەي خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان؛ خىتابنامىدە ھەر ئىككى دۆلەت ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونىدا ھۆكۈمرانلىق تاماسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

1979 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان. كېلىشىمدە ئامېرىكا تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ياردەمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، نۆۋىتى كەلسە تەيۋەننى ئەسكىرىي ھۇجۇملاردىن قوغدايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. كېلىشىمنامە تۈزۈلۈپ ئاي ئاخىرىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى دىڭ شياۋپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان.

1989 ‏ - يىلى بېيجىڭدا تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەكرار سوغۇقلاشقان.

1994 ‏ - يىلى كلىنتون خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى بىلەن تىجارەتنى تەڭ نەزەردە تۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تەكرار يۇمشاش پەيدا بولغان.

1995 ‏ - يىلى تەيۋەن پرېزىدېنتى لى دىڭخۇي، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان. بۇنىڭغا خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن.

1996 ‏ - يىلى خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئارقىلىق تەيۋەنگە تەھدىت سالغاندا، ئامېرىكا ئىككى ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنى تەيۋەنگە ئەۋەتىپ، تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغان.

1997 يىلى جاڭ زېمىن، ئامېرىكىنى، بۇنىڭغا جاۋابەن، 1998‏ - يىلى كلىنتون خىتاينى زىيارەت قىلغان.

1999 ‏ - يىلى مايدا، ئامېرىكا خىتاينىڭ بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغان. بۇنى ئامېرىكا تەرەپ بىر قازا دەپ چۈشەندۈرگەن، خىتاي تەرەپ بولسا بولسا ھۇجۇم دەپ چۈشەنگەن.  1999 ‏ - يىلى نويابىردا ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قېتىلغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي 2001 ‏ - يىلى مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرگەن.

2001 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ بىر چارلىغۇچى ئايروپىلانى خىتاينىڭ خەينەن ئارىلىدا خىتايغا ئائىت بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا سوقۇلۇپ كەتكەن.

2001 ‏ - يىلى ئۆكتەبىردە پرېزىدېنت بۇش تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىپ جاڭ زېمىن بىلەن كۆرۈشكەن. جاڭ زېمىن ئامېرىكىنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2005 ‏ - يىلى بۇش ئىككىنچى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاينى سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىككە چاقىرغان.

ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى يەنە، تەيۋەنگە ئۇقۇشماستىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيىسىنى يوللاپ بەرگەن.

ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى Harman يۇقىرىدىكى مۇساپىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئۆتكەن 30 يىل ياخشى ئۆتكەن 30 يىل ئەمما، خاپىلىقسىز ئۆتكەن 30 يىل ئەمەس ھەم بۇ بۇندىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىمىزدە مەسىلە چىقمايدىغانلىقىدىن بىشارەتمۇ ئەمەس."


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.