نۆۋەتتىكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە

خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنى پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىدىكى مۇنازىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋالدى، ئەيىبلەپ چىقتى. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس چېن شاۋنوڭ ئوبزور ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھازىر باشقا دۆلەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن ئۆكتەملىك قىلىشقا باشلىدى

خىتاي يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال ساتتى، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى، فالۇنگوڭچىلارنى قوللىدى، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆرلىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتتى، دەپ ئارقا - ئارقىدىن قاتتىق ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى جوڭشەن يەنە ئامېرىكىنى، پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋالدى، دەپ ئەيىبلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە پەسەيمىگەن بۇرۇنقى جىددىيلىك يەنە بىر دەرىجە ئۆرلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر نېمە دېسىمۇ باشقىلارنى 'سىياسىيلاشتۇردى' دېگەن گەپنى ئېغزىغا ئالماسلىقى كېرەك ئىدى

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس چېن شاۋنوڭ بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر نېمە دېسىمۇ، باشقىلارنى 'سىياسىيلاشتۇردى' دېگەن گەپنى ئېغزىغا ئالماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى خىتايدا ھۆكۈمەت سىياسىيلاشتۇرۇۋالمىغان نەرسە تېپىلمايدۇ، پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا 'مۇقىملىق ساقلاش' دېگەننى كۆزدە تۇتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ 'مۇقىملىق' دېگىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنى مۇقىم قىلىش، تامامەن سىياسىي مەقسەت. خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان باي بولۇش، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، ئىقتىسادنى قوزغىتىش دېگەن ئىقتىسادىي سىياسەتلەر ۋە يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش دېگەن ئىقتىسادىي سىياسەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسىيلاشتۇرۇلغان سىياسەت.

خىتاي ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە پەقەت ئېكسپورتقىلا تايىنىپ قالدى

بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغانلىقىدا ۋە بۇنىڭ كەينىدە سىياسىي مەقسەت بارلىقىدا شەك - شۈبھە يوق.

يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىددىيلىكتە، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينى پۇلنىڭ قىممىتىنى سىياسىي مەقسەتتە كونترول قىلىۋالدى، دەپ ئەيىبلەۋاتقىنى يوق، بەلكى مەسىلىنى ساپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما خىتاي خىتاي مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋالدى، دەپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بۇ، ھازىر خىتاينىڭ ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا چارىسىز قالغانلىقىنىڭ مىسالى.

بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇنازىرە قىلالمايدۇ، خىتاي بۇ جەھەتتە يولسىز. شۇڭلاشقا خىتاي بۇ مەسىلىسىنى ئۆزى سىياسىي مەسىلە قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ تەڭپۇڭ بولمىغانلىقى مەسىلىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىمۇ ئېنىق بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ھازىر ئۆزى بىرتەرەپ قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. خىتاي بانكىسىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى بۇلتۇر 'ھازىر جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ساتسىمۇ بولمايدىغان، ساتمىسىمۇ بولمايدىغان، ساتسا ساتالمايدىغان، ساتمىسا ئۆز ھالىتىدە تۇرمايدىغان بىر قېيىن ئەھۋالدا' دەپ مەلۇم قىلغان ئىدى.

بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھازىر پەقەت ئېكسپورتقىلا تايىنىپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا، خىتاي ئۈچۈن ھازىر پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى كونترول قىلىۋالماقتىن ئۆزگە ئامال قالمىدى. شۇڭلاشقا خىتاي ھازىر ئامېرىكا بىلەن سۆزلەشكەندە، مەسىلىنى ئۆز يولى بىلەن، يەنى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ئىقتىسادىي يول بىلەن ئوتتۇرىغا قويالماي، ئامال بولمىغاندا سىياسىي جەھەتتىن ئۆكتەملىك قىلىشقا باشلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.